كېچىدە ئەر-ئايال بىرگە بولغاندىن كىيىن بەزى ۋاقىتلاردا كۈندۈزى جىنسى ئەزاسىدىن سپېرما سۇيۇقلۇقى چىقىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا روزىدارنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا بۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەكمۇ؟.
روزا تۇتقۇچى ئازراق بولسىمۇ سوھۇرلۇق يېيىشى كېرەك - (ئۇيغۇرچە)
رامىزان ئېيىدا سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئاڭلىدۇق، لېكىن بىز بەزى ۋاقىتلاردا كەچلىك تاماقنى كېيىنرەك يىگەنلىكىمىز ئۈچۈن سوھۇرلۇق يېيىشنى كۆڭلىمىز تارتمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بەرىكەتنى تەرك قىلىمىز، بىزگە بۇنىڭ گۇناھى بولامدۇ؟.
ئاياللار رامزاندا ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟ - (ئۇيغۇرچە)
شاراپەتلىك رامزان ئېيىدا قىلىش ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە ساۋابى زىيادە بولىدىغان ئەمەللەردىن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋىتىنى كۆپ قىلىش، كۆپ زىكىر ئېيتىش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە كېچىدە ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت ئەمەللەرنى ياخشى بىلىمەن. مېنىڭ كۈندىلىك ئەمىلىم بولغان ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق تەييارلاش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا قايسى زىكىر ۋە دۇئالارنى داۋاملاشتۇرسام پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى....
پەرزەنتىمگە ئىسىم قويماقچى ئىدىم، ئىسىم تاللاش ۋە قويۇشنىڭ شەرىئەتتىكى ئەدەپ-ئەخلاقلىرى قايسىلار، ئۇنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن؟
ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان كىشىگە ئاخىرەتتە 72ھۆر-پەرىنىڭ بېرىلىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بۇ ساننى بېكىتىشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. شېھىت قىيامەت كۈنى ئۆز ئائىلىسىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىلەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.
مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)
مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازاسى نېمە؟
ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت - (ئۇيغۇرچە)
نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ مەككە- مۇكەررەمىنى زىيارەت قىلىپ ھەج قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ؟.
ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟ - (ئۇيغۇرچە)
ھەج ئىبادىتى ھىجرىيىنىڭ قايسى يىلى پەرز قىلىنغان؟.
قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى - (ئۇيغۇرچە)
ئەرلەرنىڭ يات قىز-خانىملار بىلەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ھالەتلەردە، يەنى ئائىلە ئەھۋالى، سودا-سېتىق ئىشلىرى، توي قىلىدىغان قىزلار بىلەن تونۇشۇشى ئۈچۈن بەزى سوئاللارنى سورىشى ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا، ئەھۋال سوراپ پاراڭلىشىشى دۇرۇس بولىدۇ دېگەنگە ئالاقىدار ھۆكۈمنى ئاڭلىدىم، بۇ ساغلام كۆز قاراشمۇ؟ ئەگەر مەزكۇر ھۆكۈم توغرا بولسا ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟.
تەسبىھ نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
تەسبىھ نامىزى ئوقۇشنى كۈچلاندۇرىدىغان ساغلام ھەدىسلەر بايان قىلىنغانمۇ؟ ئەگەر بايان قىلىنغان بولسا، بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەنبىيىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.
بىز قىز-خانىملارنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۆلۈكلەر زىيارەت قىلغۇچى كىشىلەرنى يالىڭاچ ھالەتتە كۆرىدۇ دېگەن سۆزنى ئاڭلىدۇق. ئەمما بىز بۇ سۆزگە قانائەتلەنمىدۇق، ئاپام بىلەن سىڭلىم دادامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، بەلكى زىيارەتمۇ قىلغان، بۇنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟.
ئازغۇن قۇرئانچىلار گۇرۇھى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
جەمئىيىتىمىزدە ئۆزلىرىنى« قۇرئانچىلار» دەپ ئاتايدىغان بىر گۇرۇھ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىز قۇرئاندىن باشقا ھېچنەرسىگە ئەگەشمەيمىز دېگەن قاراشتا، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئالىملىرى قانداق قارايدۇ؟

API
