مەن چىشلىرىمنى داۋالىتىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم چىش دوختۇرىنىڭ يېنىغا بېرىپ چىشلىرىمنى تەكشۈرتۈپ تۈرىمەن، دوختۇر تەكشۈرۈش ئارىسىدا ئاغزىمغا بەزى ئەسۋاپ ۋە دورىلارنى قويىدۇ، بۇ روزىنى سۇندۇرامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە ئاگاھلاندۇرۇش كېرەكمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
بەزى كىشىلەر، رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەۋاتقان ياكى ئېچىۋاتقان مۇسۇلمان كىشىلەرنى كۆرگەندە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك؛ ئۇ كىشىگە ئاللاھ يېمەك - ئىچمەك ئاتا قىلدى دەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى توغرىمۇ؟.
قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەمۇرىي ئورۇنلاردا قىز-خانىملارنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قىلىپ، نامازنى نىجاسەت يۇقى كېيىم بىلەن ئادا قىلغان بولسا، (خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىك ئۆيگە ياكى ياتاققا كەچ يەنى ناماز شامدىن كېيىن قايتىدۇ) بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى قايتا ئادا قىلامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمىنى....
ھەج قېلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق سەۋەبسىز پەرز ھەجنى كېچىكتۈرگۈچىنىڭ شەرىئەتتە ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھارام مال بىلەن ھەج قېلىشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)
كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ياكى ھارام مال بىلەن ھەج قىلغان كىشىنىڭ ھەجى توغرا بولامدۇ، بولمامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنتېرنېت ۋە تېلېفۇن ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق نىكاھ قىلسا توغرا بولامدۇ؟، مەن بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن قىز-ئوغۇل بىر سورۇندا بولۇشى شەرت دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى - (ئۇيغۇرچە)
بىر كىشى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، دوختۇر ئۇ كىشگە دىئاگنۇز قويۇش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغان ھاياتىدىن بىرقانچە كۈنلا قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلغان بولسا، ئۇ بىمارنىڭ بۇ ھالەتتە قىلغان تەۋبىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ھېسداشلىق-كۆيۈمچانلىقنى ئاشكارا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قايسى دەرىجىدە بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
يۇرت ئەھلى بىلەن بىرگە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا ئاينى كۆرگەنلەر بىلەن بىرگە روزا تۇتامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاي كۆرۈلگەن بولسىمۇ، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتتە شەبان(بارات ئېيى) ۋە رامىزاننى تولۇق 30 كۈن ھېسابلايدىكەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلغان كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ يېزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئوقۇغانغىمۇ ئەجىر-ساۋاپ يېزىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
مىراج كېچىسىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
بۇ ماقالىدا مىراج كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان بۈيۈك مۆجىزە ۋە ھۆرمەت ئىكەنلىكى، ئۇ كېچىنى تەبرىكلەشنىڭ بىدئەت سانىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىس نۇرى ئاستىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
پىتىر سەدىقىسىنى باشقا يۇرتلارغا ئەۋەتىش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
مەن ئائىلەمدىكىلەرگە ئالاقىدار بولغان پىتىر سەدىقىسىنى ئۆز يۇرتۇمدىكى كەمبەغەللەرگە بېرىش ئۈچۈن تۇغقانلىرىمغا ئەۋەتىۋەتتىم، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.