×
Image

ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىڭىزنى تونۇۋىلىڭ! - (ئۇيغۇرچە)

قەدىمقى زامان دىن دۇشمەنلىرى بىلەن ھازىرقى زامان دىن دۇشمەنلىرىنىڭ ئۈلۈغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆبرازىنى خۇنىكلاشتۇرۇشتا قوللانغان ۋەسىلىلىرىنىڭ سىلىشتۇرمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى يازغۇچىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە دىگەنلىرى ھۆزۇرۇڭلاردا.

Image

دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەرئىي ئىبادەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

Image

دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار - (ئۇيغۇرچە)

«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

Image

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار - (ئۇيغۇرچە)

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە» ناملىق بۇ لىېكسىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكى،مۇھەممەد ئەلەيىسسالامغا ۋەھىي ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەنلىكى،ئۇنىڭ مۈجىزە ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكى، ئىسلام شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسى مەنبە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى - (ئۇيغۇرچە)

«ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر، ئېھساننىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەكلىكى، ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئەخلاق بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئاڭلىغۇچىلارغا ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى - (ئۇيغۇرچە)

«كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، كەمتەرلىكنىڭ پەزلى ۋە ئەھمىيىتى، مۇسۇلماننىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلىنىشى، كەمتەرلىكتە ئوتتۇراھاللىقنى لازىم تۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقى، كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلانغۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە گۈزەل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى - (ئۇيغۇرچە)

«راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە راستچىللىق پەزىلەتنىڭ مەنبىيى، مۇسۇلماننىڭ راستچىللىق بىلەن ئەخلاقلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئىسلام دىنىنىڭ راستچىللىق ئۇستىگە بەرپا قىلىنغانلىقى، ئاللاھ تائالا جانابى رەسۇلۇللاھنى راستچىللىقتا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.

Image

ئامانەت ۋە خىيانەت - (ئۇيغۇرچە)

«ئامانەت ۋە خىيانەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى ۋە چەكلىنىشى مۇھىم بولغان ئىشلاردىن، ئامانەت ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئىبادەتتىكى ئامانەت، خىزمەت ۋە تىجارەتتىكى ئامانەت، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ پەزلى، خىيانەت ۋە خىيانەت قىلغۇچىغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان جازا، مۇسۇلماننىڭ ئامانەتدارلىق بىلەن سۈپەتلىنىشى ئىماننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت....

Image

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قانداق قوغدايمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە  ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.