×
Image

سىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان ھەر قانداق سۆز ۋە قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان پەزىلىتىنى تارىتىشقا ھېرىسمەن بولۇشى، ئۇ زات ئۆز خاھىشى بىلەن....

Image

ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە مۆمىنلارنىڭ ئانىسى ئۇممە سەلەمەنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، ئىسلام دىنىغا كىرىشى، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلىنىشى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

Image

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)

«ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇ زاتنىڭ بالىلىق ھاياتى، ھېجرەت قىلىشى، ئىسلامقا قوشقان توھپىلرى ۋە ئەخلاق پەزىلەتلىرى... قاتارلىقلار توغرىسىدا توختىلىدۇ.

Image

جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى - (ئۇيغۇرچە)

«جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى» ناملىق بۇ لېكسىيە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىسقىچە ھاياتى بولۇپ، ئۇنىڭ جەننەتكە نائىل بولغۇچى ئاياللارنىڭ سەردارلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئىسلامغا كىرىشى ۋە پەزىلىتى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشى ۋە كاپىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قوغدىشى، تۇرمۇشقا چىقىشى ۋە ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.

Image

سېخى تەلھەنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)

«سېخى تەلھەنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر، جەننەت بىلەن بىشارەت بىرىلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماختىشىغا ئىرىشكەن، سەرخىل ساھابىلاردىن بولغان، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، ئىسلامغا كېرىشى ۋە ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىنكى تەسىرلىك ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە لەر ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمىھالى - (ئۇيغۇرچە)

«ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، پەزىلەتلىك سەھابە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئىسلامغا كېرىشى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى، مال-دۇنياسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغانلىقى، ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلىشتەك بۈيۈك ئەجىرگە ئىگە بولغانلىقى، جەننەتتىن بىشارەت بېرىلگەنلەردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ئاۋازلىق ئەسەر زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تەلىم تەربىيە ئىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلىقى، تەقۋادار ۋە ئاۋانگارتلىق روھى، قۇرئاننى جەملىگۈچى، ۋەھيى يازغۇچى، قۇرئان ۋە مىراس بىلىملىرىدە يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئىش-ئىزلىرى ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىسلامغا كېرىشى، جەڭ مەيدانلىرىدا مۇجاھىتلارغا ياردەمدە بولىشى ۋە جەسۇرلۇقى، ئىسلامدا مۇشرىك ئۆلتۈرگەن تۈنجى ئايال ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىم؟ ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ھۆرمەتكە سازاۋەر ساھابە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلامغا كېرىشى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئائىلىسى تەرىپىدىن ھەر-خىل ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىشى، ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق تەربىۋىيى ئەھمىيىتى بولغان مۇھىم ئۇچۇرلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ - (ئۇيغۇرچە)

«ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ » ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە جەڭگىۋار سەھابە جۇندۇ ئىبنى جۇنادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، زاھىتلىق ۋە تەقۋادارلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

سۇراقە ئىبنى مالىك كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)

«سۇراقە ئىبنى مالىك كىم؟» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر پارىس ئىمپېرىيە پادىشاھىنىڭ تاجىنى كىيىشكە مۇيەسسەر بولغان ھۆرمەتلىك ساھابە سۇراقە ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، ئىسلامغا كېرىشى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ تارتۇقلىنىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

روزا ھېيت نامىزى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور بۇ ماقالىدا روزا ھېيت نامىزىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغانلىقى، روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئەھكاملىرى، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقى ۋە ئادا قىلىش تەرىقىسى، ھېيت نامىزى خۇتبىسى، ھېيت كۈنى قىلىش ياخشى كۆرۈلگەن ئىشلار قاتارلىق روزا ھېيت نامىزىغا دائىر مۇھىم بىلىملەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى تەمىن ئەتكۈسى.