«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىنى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھىجرەت ۋە غازاتلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا تارتقان ئەزىيەتلىرى ۋە سەۋرچانلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار mp3 پورماتى بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈرۈشى، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى باتىل كۆز قاراشلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللىك جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىدىكى زىتلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھ بولماستىن بەلكى....
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى ۋە بۇتلارنى چىقىپ تاشلىشى، ئۆز قەۋمى بىلەن ئىلمى مۇنازىرە قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى دوستلۇققا تاللىشى ۋە ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەيتۇللاھنى بىنا قىلىشى ۋە زېمىندا....
ئاللاھ ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ، ئۇ ۋۇجۇتقا كىلىدۇ - (ئۇيغۇرچە)
«ئاللاھ ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ، ئۇ ۋۇجۇتقا كىلىدۇ» ناملىق بۇ لېنتىدا، "تەكۋىن ۋە تەشرىئ" يەنى ئاللاھنىڭ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى يارىتىشتا يالغۇز ئېكەنلىكى،ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە ماس ۋە پايدىلىق بولغان شەرىئەتتىن ئېبارەت قانۇنىيەتنى بېكىتكەنلىكى قاتارلىق ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.
ھەقىقەت ئېزدىگۈچى سالمان - (ئۇيغۇرچە)
«ھەقىقەت ئېزدىگۈچى سالمان» بۇ لېكسىيە سالمان فارسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرىشىدىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئىسلامغا كىرىشى، دىنى تەشۋىقات ۋە جىھادلارغا ئىشتىراك قىلىشى،ئۇنىڭ ئاللاھغا بولغان تەقۋالىق ۋە زاھىتلىقى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشى ۋە شۇنداقلا خەندەق غازىتىنىڭ پىكىر ئىگىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ۋاپاتى قاتارلىقلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.
ئاخىرەت تەسەۋۋۇرى - (ئۇيغۇرچە)
«ئاخىرەت تەسەۋۋۇرى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە ھاياتلىق بولسا ،ئىنسان ئۈچۈن ئاخىرەتتە تۇگۇمەس گۈزەل ھاياتقا ئېرىشىش، ياكى دوزاخنىڭ ئەلەملىك ئازاپلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان مەنبە ئىكەنلىكىنى قۇرئان ،ھەدىس ۋە نۇرلۇق تەرجىمىھاللاردىن مىسال ئىلىش بىلەن بىرگە جەمىئيىتىمىزدىكى بەزى ئىشلارنى سىلىشتۇرما قىلىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)
«ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ سەرخىل پەيغەمبەرلىرىدىن (ئۇلۇلئەزمى) ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىنىشى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئىخلاسى، تۇپان ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرىڭىزدا.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن - (ئۇيغۇرچە)
«مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىلمى مۇنازىرىگە چاقىرىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشى، ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىلىشى، ئۆز قەۋمىگە مۆجىزە كۆرسىتىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى ۋە ۋاپاتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ....
مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى - (ئۇيغۇرچە)
«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىۋاتامدۇق-يوق، رەسۇلۇللاھنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدۇق-يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۇستىدە تارىخ ۋە بۈگۈننى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان ئاساستا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش - (ئۇيغۇرچە)
«مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى دەپ ئىلان قىلىشى، غازاتلاردا رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىشى، شېھىتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.
ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر - (ئۇيغۇرچە)
«ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىمامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە سەۋرچانلىق، تەقۋادارلىق، راستچىللىق، سېخىلىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىككە ئوخشىغان ئالى جاناب پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شەرئىي بىلىملەرگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، پىقھى ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق تارىختا ئۆچمەس قۇياشقا ئايلىنىشىدەك مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
«ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان خاس مەرھىمىتىنىڭ ئوچۇق نامايەندە بولىشى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق مۆجىزاتلارنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلىشى، ھۆكۈمدە ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياخشى كۆرۈشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

API
