×
Image

ھىجامە قىلدۇرۇشتا مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىلگەن ھەدىس سەھىھ ئەمەس - (ئۇيغۇرچە)

جۈمە، شەنبە كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرۇش ياخشى كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما بو كۈنلەر ئاينىڭ 19 ياكى 17 ياكى 21-كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟، چۈنكى ھەدىستە: «چارشەنبە، جۈمە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرماڭلار» دېيىلگەن. بۇ مەسىلە ئەنگلىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. مۇشۇ ھەدىس سەھىھمۇ ياكى سەھىھ ئەمەسمۇ؟، بۇ توغرىدا....

Image

يامغۇر يېغىۋاتقاندا دۇئا ئىجابەت بولامدۇ؟، چاقماق چىقىلغاننى ئاڭلىغاندا ۋە يامغۇر ياغقاندا قايسى دۇئانى ئوقۇيدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

چاقماق چىقىلغان، ھاۋا گۈلدۈرلىگەن ۋە يامغۇر يېغىۋاتقان ۋاقىتتا قايسى دۇئانى ئوقۇيدۇ؟. يامغۇر يېقىۋاتقاندا دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا دالالەت قىلىدىغان ھەدىس قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

دەرس سەۋەبىدىن جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئوقۇش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بىز مەكتەپتە جۈمە نامىزىنى چۈشلۈك تاماق ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىدا يەنى ئادەتتە جۈمە ئوقۇيدىغان ۋاقىتتىن بىر سائەت بۇرۇنراق ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز، ئوقۇغان نامىزىمىزنىڭ توغرا بولغانلىقى ياكى بولمىغانلىقى توغرىسىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۆپ تالاش-تارتىش بولدى، بۇ ئىش بىزنىڭ مەكتەپتە ۋە مۇشۇ شەھەردىكى خىلى كۆپ مەكتەپلەردە غۇل-غۇلا پەيدا قىلدى، شۇنىڭدەك بىزنىڭ بەزى....

Image

ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن بىر زالغا يىغىلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەدەنىيەت كۇلۇبىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان نۇتۇق سۆزلەش زالىدا ئەرلەر ئالدىدا، ئاياللار زالنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشى توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر ئارىسىغا پەردە تارتىلسا، ئارقىدا ئولتۇرغان ئاياللار كۆرسىتىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلارنى ئەرلەردىن ئايرىپ باشقا بىر زالغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەت تىلېۋىزىيە ئېكرانى ئارقىلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا گەپ قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سىلىشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

جۈمە نامىزىغا باردىم، لېكىن ھەر بىر كىشى مەسچىتكە كىرگەندە سالام قىلىپ كېرىدۇ، مەسچىتتىكىلەر ئۇلارنىڭ سالىمىغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ، ھەتتا قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغانلارمۇ سالامغا جاۋاپ بېرىدۇ، خۇتبە باشلانغان ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر كىرىپ سالام بەردى ئىمام پەس ئاۋازدا ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇردى، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

پەرز ناماز بىلەن نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى سۆز ياكى ئورۇندىن يۆتكۈلۈش بىلەن ئايرىپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

پەرز ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولسام، كۆپ جاينىڭ مېنىڭ سەجدە قىلغانلىقىمغا گۇۋاھ بولىشى ئۈچۈن پەرز ئوقۇغان جايدىن يۆتكۈلۈپ نەپلە ئوقۇشۇم ياخشىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

جىننىڭ ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر - (ئۇيغۇرچە)

ئىنسانغا جىننىڭ ئەزىيەت يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئىنسان قىيامەت كۈنى جىن ئەزىيەت يەتكۈزگەندىن كىيىنكى ئەمەللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

مېيىتنىڭ شەرىئەت بويۇنچە يۇيۇلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مېيىت قايسى ئۇسۇل بىلەن يۇيىلىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَلَوْلَا أَن يَكُونَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً﴾ دېگەن ئايىتىنىڭ چۈشەندۈرلىشى ۋە بۇ ئايەتتىن ئىلىنىدىغان ئىبرەتلەر - (ئۇيغۇرچە)

سۈرە زۇخرۇفتىكى 33- 34- 35- ئايەتلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟، بۇ ئايەتلەردىن قانداق ۋەز-نەسىھەتلەر ئېلىنىدۇ؟ بۇ ئايەتتىكى ئىبرەت: نېمە ئۈچۈن كاپىرلار باياشات-ئالى تۇرمۇشتا ياشايدۇ؟ مۇسۇلمانلار قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتتە ياشايدۇ؟ دېگەنلەرگە رەت قايتۇرۇشمۇ؟ بۇ ئايەت بىلەن قارۇن ۋەقەلىكىنىڭ قانداق ئالاقىسى بار؟، بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولىشىدىكى سەۋەب نېمە؟.

Image

رامىزان ئېيىنى قانداق كۈتىۋالىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئايرىم ئىشلار بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

رامىزاندا تومۇردىن ئوكۇل ئۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بىر دوستۇم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، رامىزاندىمۇ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى، خىمىيىلىك ئۇسۇللار بىلەن ئېرىتىلگەن بىر قانچە خىل ماددىلارنى ئوكۇل ئارقىلىق تومۇردىن ماڭدۇرىدىكەن، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالماستىن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان ئايال توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بىر كېچىسى سۇھۇر ۋاقتى بىلەن يۇيۇندۇم، چۈنكى مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم بۈگۈن ئاخىرلىشاتتى، سۇھۇرلۇق يېدىم، روزا تۇتتۇم، ناماز ئوقۇدۇم، بامدات ۋاقتىدىن باشلاپ شام نامىزىغا ئەزەن چىققان ۋاقىتقىچىلىك ھېچ نەرسە كەلمىدى، شام نامىزى ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىمدا ئايلىق ئادىتىمنىڭ تولۇق ئاخىرلاشقانلىقى ئوچۇق بولدى، مېنىڭ شۇ كۈنلۈك تۇتقان روزا ۋە ئوقۇغان نامىزىم توغرا....