×
Image

ئىسلام ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا ئىسلام ئاتالغۇسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ دىنى ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مايىللىقى، ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىغا بىردەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ھالال غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

ھالال غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ناملىق ئەسەردە، دىنىمىزدا چەكلەنگەن غەيۋەتنىڭ ھۆكمى، شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان زېيىنى، دىندا رۇخسەت قىلىنغان غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىگە ئالاقىدارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ئەرشىئەلادىن كەلگەن نىدا 01 -قىسىم - (ئۇيغۇرچە)

ئەرشىئەلادىن كەلگەن نىدا ناملىق بۇئەسەردە، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى بېلىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئۇ زاتنىڭ ئىنسانىيەتكە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا جانلىق ئۆلگە ئىكەنلىلى توغرىسىدا قۇرئان سۈننەت روھى ئاستىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ئەرشىئەلادىن كەلگەن نىدا 02- قىسىم - (ئۇيغۇرچە)

ئەرشىئەلادىن كەلگەن نىدا ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ 02-قىسمىدا بولسا، مۇسۇلمان ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۈگۈنىشى ۋە كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا تەتبىقلىشىنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ئەرشىئەلادىن كەلگەن نىدا 03- قىسىم - (ئۇيغۇرچە)

ئەرشىئەلادىن كەلگەن نىدا ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ 03-قىسمىدا بولسا، مەككىنىڭ تارىخى ۋە ئۇ مۇبارەك شەھەرنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

رامىزاننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەت خىسلەتلىرى، مۇسۇلماننىڭ رامىزاندىن ئىبارەت بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى غەنىمەت بىلىشى ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىشلەشكە تىرىرىشىنىڭ لازىملىقى، مۇسۇلمان ئۈچۈن ھاياتىدىكى سەلبىيىلىكنى ئۆزگەرتىشكە رامىزان ئەڭ مۇناسىپ پۇرسەت ۋە ئىلاھىي مەدرىسە بولۇپ، بۇنى ئىمان ۋە ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىغۇچىلارنىڭلا قەدىرلەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە....

Image

دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى - (ئۇيغۇرچە)

«دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، قىيامەتنىڭ چۆڭ-كىچىك ئالامەتلىرى، ئۆلۈم، قەبرە ۋە ئۇنىڭدا بولىدىغان نېئمەت ۋە ئازابلار، بەرزەخ ھاياتى، سۇرنىڭ چېلىنىشى، مەخلۇقاتلارنىڭ قايتىدىن تىرىلدۇرۇلىشى ۋە ھەشرى مەيدانىغا توپلىنىشى، ھېساب، ئەمەل دەپتىرى، تارازا، پىلسىرات، كەۋسەر كۆلى، شاپائەت، كۆۋرۈك، جەننەت- دوزاخ ۋە ئۇنىڭدىكى مۇكاپات ۋە جازالار قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان ئەبەدى سەئادەتكە....

Image

رامىزاندا يېمەك-ئىچمەككە مەجبۇرلانغان روزىدار قانداق قىلىدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بۇ لېكسىيەدە رامىزاندا يېمەك -ئىچمەككە مەجبۇرلانغان روزىدار قانداق قىلىشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلە قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن روشەن بايان قىلىنىدۇ.

Image

شەئبان ئېيىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

شەئبان ئېيىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ناملىق بۇ ئەسەردە، شەئبان ئېيىدا نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئايدا نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇشىدىكى ھېكمەتلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

چىن يۈرەكتىن رامىزانلىق كەلىمە - (ئۇيغۇرچە)

چىن يۈرەكتىن رامىزانلىق كەلىمە ناملىق بۇ ئەسەردە، رامىزان ئېيى نەپىسنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىپىلماس بىر پۇرسەت ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان بۇ مۇبارەك ئايدىن ئۆنەملىك پايدىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىدۇ.

Image

رامىزان ۋە تەۋبە - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە تەۋبە ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلمان ئۈچۈن گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىشقا رامىزان ئېيىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكى، تەۋبىنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

رامىزان ۋە قۇرئان كەرىم - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە قۇرئان كەرىم نامىلىق بۇ ئەسەردە، قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بۇ مۇبارەك ئايدا مۇسۇلمان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قۇرئان كەرىم ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا قۇرئان ئېيى بولغان رامىزان سەۋەبلىك قۇرئان كەرىم بىلەن چىن ئالاقە باغلاشقا تېرىشىشىنىڭ زورۇرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.