×
Image

ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىڭىزنى تونۇۋىلىڭ! - (ئۇيغۇرچە)

قەدىمقى زامان دىن دۇشمەنلىرى بىلەن ھازىرقى زامان دىن دۇشمەنلىرىنىڭ ئۈلۈغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆبرازىنى خۇنىكلاشتۇرۇشتا قوللانغان ۋەسىلىلىرىنىڭ سىلىشتۇرمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى يازغۇچىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە دىگەنلىرى ھۆزۇرۇڭلاردا.

Image

دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار - (ئۇيغۇرچە)

«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

Image

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار - (ئۇيغۇرچە)

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قانداق قوغدايمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە  ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.

Image

گوللاندىيەدە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىشلەنگەن فىلىمگە رەددىيە - (ئۇيغۇرچە)

ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدۇ، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ئۆبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان يالغان ۋە تۆھمەتلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بۇ فىلىمگە رەددىيە قايتۇرۇشنى دىنىمنى، پەيغەمبىرىمنى قوغداش يولىدىكى ئىمانى بۇرچۇم دەپ بىلىپ بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر....

Image

روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دىنىي ۋە تىببىيدىن 20 نەسىھەت - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، روزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھىكمەت، روزىنىڭ سالامەتلىككە دائىر پايدىلىرى ۋە روزىدارلار ئۈچۈن مۇھىم بەزى نەسىھەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا، تىببىي ئىلىملارنىڭ يەكۈنلىشى بىلەن ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

Image

چوشقا زۇكۇمى ئىنسانىيەتنى ساراسىمىگە سالماقتا - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا نېمە ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە چوشقىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى، چوشقا زۇكۇمىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، ئىنسانىيەت بۇنىڭغا ئوخشاش بالا-مۇسىبەتلەرگە نېمە ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقا ئۇچرايدىغانلىقى، مۇسۇلمانلار بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دىنىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، بەلكى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بالايى-ئاپەتلەر ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن سىگنال بولىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى....

Image

مۆجىزە ھەققىدە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«مۆجىزە ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالىدە،ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنى يېتەرلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئوتتۇرغا چىقارغانلىقى، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئۇنىڭ ۋە بۇرۇنقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە پەرقلىق ۋە تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان بىردىنبىر جانلىق مۆجىزە ــ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكى بايان....

Image

رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ باشقا ئايلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، بۇ ئاينى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى قىلىپ بېكىتكەنلىكى،ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر ۋە مۇكاپات بىرىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

Image

روزا ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«روزا ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە»ناملىق بۇ ماقالىدا، روزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، روزىنىڭ كىملەرگە پەرز بولىدىغانلىقى، روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى، روزىنىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدىكى مۇستەھەب ئەمەللەر قاتارلىقلار ھەققىدە قۇرئان، ھەدىس ۋە مەشھۇر ئولىمالارنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ

Image

ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىر قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر - (ئۇيغۇرچە)

«ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىر قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاياللارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى خۇسۇسى ھۆكۈملەر، بىمار ۋە بىتاب، سەپەر ئۇستىدىكى كىشىلەر قاتارلىقلارغا شەرىئەتنىڭ روزا ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە تايىنىپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.