×
Image

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى - (ئۇيغۇرچە)

«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ كىتاب دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا ئەللىرىدىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجەگە ئېرىشكەن ۋە غەيرى مۇسلىملار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ كىتابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھېجرەت ۋە غازاتلىرى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ....

Image

ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى - (ئۇيغۇرچە)

«ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى»بۇ كىتاپ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي ياسىشىغا دائىر قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمۈچۈكنى مىسالغا ئېلىشى، ئۆزىدىن باشقا تاش،ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،ئۆلگەن ۋە ھايات ئىنسانلارغا ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئاساستا چوقۇنغۇچى ئىنسانلارغا قارىتا كەلتۇرگەن بەدىئى ئوخشۇتۇش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىدۇ.

Image

تەۋھىد كىتابى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ كىتاب، تەۋھىد توغرىسىدا يىزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆزى ئىخچام ۋە چۈشۈنۈشلىك ئەسەر بولۇپ، ئاپتور ئەسەرنى يىزىش جەريانىدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ مەزكۇر ماۋزۇدا يازغان كىتابلىرىدىن پايدىلانغان. بۇ ئەسەر مۇسۇلماننىڭ ھەر تۈرلۈك باتىل ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۈچرىماسلىقى ئۈچۈنلا ئەھمىيەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ساغلام تەۋھىد ئىلمى بىلەن قوراللىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

Image

ئەقىدە توغرىسىدا 50 سوئال ۋە جاۋاپ - (ئۇيغۇرچە)

ئەقىدە توغرىسىدا 50 سوئال ۋە جاۋاپ ناملىق بۇ رىسالىدە، مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان ئەقىدىگە ئالاقىدار 50 سوئالغا جاۋاب بايان قىلىنىدۇ.

Image

پەقەت بىر رىسالە! - (ئۇيغۇرچە)

پەقەت بىر رىسالە! ناملىق بۇ رىسالە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندىن كىيىن، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن ئادەم، نۇھ، مۇسا، ئىسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بىر رىسالىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى، يەھۇدى ۋە خىرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەزكۇركىتابلار ۋە قۇرئان كەرىمدىن دەلىل كەلتۈرۈش....

Image

ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سوئال جاۋاپ - (ئۇيغۇرچە)

قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.

Image

ياخشىلارنىڭ باغچىسى - (ئۇيغۇرچە)

ياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.

Image

دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار - (ئۇيغۇرچە)

«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

Image

بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Image

ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى» ناملىق بۇ ئەسەر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، ئېتىقاتلىق، بىلىملىك، ئەدەپلىك ۋە غەيرەت شۇجائەتلىك ، ئىمانى ۋە ئىنسانى پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرتكە بولغۇسى، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيەلەرنى بىرىشىمىز ، نىمىلەرنى ئۈگۈتۇشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئوسمۇرلەرنىڭ ئېڭىغا ماس ھالدا، قۇرئان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۇشۇنۇشلىك قىلىپ بۇ ھەقتە....

Image

ئىز باسار تۆت خەلىپە - (ئۇيغۇرچە)

«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.