«پەيغەمبەر تىبابىتى»ناملىق بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىبابەتكە ئائىت مەيلى قۇرئان ئايەتلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ سوزلىرى بولسۇن، ئۆزى داۋالىغان ۋە دىئاگىنوز قويغان ۋە ياكى داۋالىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن قاتارلىقلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىكى سەھىيە كۆز قاراشلىرى بىلەن ئىلمى ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
پەيغەمبەر تىبابىتى - (ئۇيغۇرچە)
سەپەر ئېيى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)
«سەپەر ئېيى توغرىسىدا چۈشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ سەپەر ئېيىغا بولغان قارىشى، ئىسلامنىڭ ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىغا بولغان رەددىيەسى، بەزى مۇسۇلمان پىرقىلىرىنىڭ بۇزۇق ئېتىقادى ۋە بىدئەت ئىشلىرى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتلىقىدا سەپەر ئېيىدا ئىلىپ بارغان ئۇرۇش ۋە يۈزبەرگەن مۇھىم ھادىسىلەر، سەپەر ئېيى توغرىسىدىكى يالغان-توقۇلما ھەدىسلەر قاتارلىق، سەپەر ئېيىغا ئالاقىدار بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئوچۇق....
مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە....
بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)
بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادىتىنىڭ پەزىلىتى، بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھاجىلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بەدەل ھەج تىجارىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا راۋاجلىنىشى، ئىبادەتنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدا تىجارەتكە ئايلىنىشى قاتارلىقلارنى قۇرئان- ھەدىسنىڭ نۇرى ئاستىدا مەزكۇر مەسىلىنىڭ خەتىرىنى روشەن....
قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر - (ئۇيغۇرچە)
مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر»، «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن....
مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
«مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ....
«ھەج قوللانمىسى» ناملىق بۇ ئەسەردە، ھەج ۋە ئۆمرە، زىيارەت قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى - (ئۇيغۇرچە)
«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى،....
ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار - (ئۇيغۇرچە)
«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى - (ئۇيغۇرچە)
قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ....
ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم» ناملىق بۇ ئەسەردە، دىنسىزلىق، دۇنياپەرەسلىك ھۆكۈم سۇرگەن، سكولارىزىم ھەركىتى ئەۋىج ئىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھېيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇ ئەسەردە ئىسلام قانۇنىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەشكە تەرغىپ قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناشلىققىمۇ ئىسلام قانۇنىدا ئالاھىدە يەر بىرىلگەنلىكى... قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئىلمى....

API
