«ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىڭىز» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، تۇرمۇشتا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھەق-ھوقۇق، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىكى ئىمانى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيەتلىرى، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتە ساغلام ئەقىدىنى چېقىش قىلغان ھالدا، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە، مىللىتىگە، ئانا ۋەتىنىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كېرەكلىك ئەۋلادلارنى تەربىيەلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىڭىز - (ئۇيغۇرچە)
ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى - (ئۇيغۇرچە)
«ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە مۆمىنلارنىڭ ئانىسى ئۇممە سەلەمەنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، ئىسلام دىنىغا كىرىشى، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلىنىشى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.
ئاخىرەت تەسەۋۋۇرى - (ئۇيغۇرچە)
«ئاخىرەت تەسەۋۋۇرى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە ھاياتلىق بولسا ،ئىنسان ئۈچۈن ئاخىرەتتە تۇگۇمەس گۈزەل ھاياتقا ئېرىشىش، ياكى دوزاخنىڭ ئەلەملىك ئازاپلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان مەنبە ئىكەنلىكىنى قۇرئان ،ھەدىس ۋە نۇرلۇق تەرجىمىھاللاردىن مىسال ئىلىش بىلەن بىرگە جەمىئيىتىمىزدىكى بەزى ئىشلارنى سىلىشتۇرما قىلىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.
«ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇ زاتنىڭ بالىلىق ھاياتى، ھېجرەت قىلىشى، ئىسلامقا قوشقان توھپىلرى ۋە ئەخلاق پەزىلەتلىرى... قاتارلىقلار توغرىسىدا توختىلىدۇ.
قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)
«قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە» ناملىق بۇ لىېكسىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكى،مۇھەممەد ئەلەيىسسالامغا ۋەھىي ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەنلىكى،ئۇنىڭ مۈجىزە ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكى، ئىسلام شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسى مەنبە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى - (ئۇيغۇرچە)
«جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى» ناملىق بۇ لېكسىيە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىسقىچە ھاياتى بولۇپ، ئۇنىڭ جەننەتكە نائىل بولغۇچى ئاياللارنىڭ سەردارلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئىسلامغا كىرىشى ۋە پەزىلىتى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشى ۋە كاپىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قوغدىشى، تۇرمۇشقا چىقىشى ۋە ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.
سېخى تەلھەنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)
«سېخى تەلھەنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر، جەننەت بىلەن بىشارەت بىرىلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماختىشىغا ئىرىشكەن، سەرخىل ساھابىلاردىن بولغان، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، ئىسلامغا كېرىشى ۋە ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىنكى تەسىرلىك ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە لەر ھۆزۈرۈڭلاردا.
«ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، پەزىلەتلىك سەھابە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئىسلامغا كېرىشى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى، مال-دۇنياسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغانلىقى، ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلىشتەك بۈيۈك ئەجىرگە ئىگە بولغانلىقى، جەننەتتىن بىشارەت بېرىلگەنلەردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
بۇ ئاۋازلىق ئەسەر زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تەلىم تەربىيە ئىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلىقى، تەقۋادار ۋە ئاۋانگارتلىق روھى، قۇرئاننى جەملىگۈچى، ۋەھيى يازغۇچى، قۇرئان ۋە مىراس بىلىملىرىدە يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئىش-ئىزلىرى ھۆزۈرۈڭلاردا.
ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)
«ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ سەرخىل پەيغەمبەرلىرىدىن (ئۇلۇلئەزمى) ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىنىشى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئىخلاسى، تۇپان ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرىڭىزدا.
«سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىسلامغا كېرىشى، جەڭ مەيدانلىرىدا مۇجاھىتلارغا ياردەمدە بولىشى ۋە جەسۇرلۇقى، ئىسلامدا مۇشرىك ئۆلتۈرگەن تۈنجى ئايال ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ھوزۇرۇڭلاردا.
سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)
سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىم؟ ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ھۆرمەتكە سازاۋەر ساھابە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلامغا كېرىشى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئائىلىسى تەرىپىدىن ھەر-خىل ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىشى، ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق تەربىۋىيى ئەھمىيىتى بولغان مۇھىم ئۇچۇرلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

API
