×
Image

ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ - (ئۇيغۇرچە)

«ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ » ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە جەڭگىۋار سەھابە جۇندۇ ئىبنى جۇنادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، زاھىتلىق ۋە تەقۋادارلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

سۇراقە ئىبنى مالىك كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)

«سۇراقە ئىبنى مالىك كىم؟» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر پارىس ئىمپېرىيە پادىشاھىنىڭ تاجىنى كىيىشكە مۇيەسسەر بولغان ھۆرمەتلىك ساھابە سۇراقە ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، ئىسلامغا كېرىشى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ تارتۇقلىنىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى - (ئۇيغۇرچە)

«ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر، ئېھساننىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەكلىكى، ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئەخلاق بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئاڭلىغۇچىلارغا ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى - (ئۇيغۇرچە)

«كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، كەمتەرلىكنىڭ پەزلى ۋە ئەھمىيىتى، مۇسۇلماننىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلىنىشى، كەمتەرلىكتە ئوتتۇراھاللىقنى لازىم تۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقى، كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلانغۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە گۈزەل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى - (ئۇيغۇرچە)

«راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە راستچىللىق پەزىلەتنىڭ مەنبىيى، مۇسۇلماننىڭ راستچىللىق بىلەن ئەخلاقلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئىسلام دىنىنىڭ راستچىللىق ئۇستىگە بەرپا قىلىنغانلىقى، ئاللاھ تائالا جانابى رەسۇلۇللاھنى راستچىللىقتا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.

Image

ئامانەت ۋە خىيانەت - (ئۇيغۇرچە)

«ئامانەت ۋە خىيانەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى ۋە چەكلىنىشى مۇھىم بولغان ئىشلاردىن، ئامانەت ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئىبادەتتىكى ئامانەت، خىزمەت ۋە تىجارەتتىكى ئامانەت، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ پەزلى، خىيانەت ۋە خىيانەت قىلغۇچىغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان جازا، مۇسۇلماننىڭ ئامانەتدارلىق بىلەن سۈپەتلىنىشى ئىماننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئونى ۋە ھېيت كۈنلىرىدە ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەر - (ئۇيغۇرچە)

مۇسۇلمان زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ كۈنلەردە ئاللاھنىڭ: «كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر»، رەسۇلۇللاھنىڭ:«ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ئەمەلدىنمۇ ئەجرى كاتتا ۋە ئالى ئەمەل يوق، بۇ كۈنلەردە ئاللاھقا تەكبىر، تەھلىل ۋە ھەمدىلەرنى كۆپ ئېيتىڭلار» دېگەن سۆزلىرىنى ئۇلۇغلاپ، بۇ كۈنلەردە ئېيتىلىدىغان زىكىرلەردىن بىرگە ھۆزۈرلۈنۈشنى مەقسەت....

Image

مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن - (ئۇيغۇرچە)

«مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىلمى مۇنازىرىگە چاقىرىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشى، ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىلىشى، ئۆز قەۋمىگە مۆجىزە كۆرسىتىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى ۋە ۋاپاتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ....

Image

سەدىقە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى - (ئۇيغۇرچە)

«سەدىقە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، سەدىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى، سەدىقىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىشتىن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان سەدىقە بېرىشكە دائىر مەلۇماتلارنى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا تايىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ....

Image

مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى - (ئۇيغۇرچە)

«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىۋاتامدۇق-يوق، رەسۇلۇللاھنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدۇق-يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۇستىدە تارىخ ۋە بۈگۈننى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان ئاساستا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

Image

مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش - (ئۇيغۇرچە)

«مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى دەپ ئىلان قىلىشى، غازاتلاردا رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىشى، شېھىتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر - (ئۇيغۇرچە)

«ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىمامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە سەۋرچانلىق، تەقۋادارلىق، راستچىللىق، سېخىلىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىككە ئوخشىغان ئالى جاناب پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شەرئىي بىلىملەرگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، پىقھى ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق تارىختا ئۆچمەس قۇياشقا ئايلىنىشىدەك مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.