×
Image

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)

«ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان خاس مەرھىمىتىنىڭ ئوچۇق نامايەندە بولىشى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق مۆجىزاتلارنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلىشى، ھۆكۈمدە ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياخشى كۆرۈشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

Image

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ئاۋازلىق ئەسەر دوكتۇر نۇرىددىن ئىبنى مۇختار خادىمىنىڭ"شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە" ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك نۇسخىسى بولۇپ، شەرىئەت ئىلمىنى ئۇگەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق دەرسلىكتۇر. بۇ ئەسەردە مۇسۇلماننىڭ ئۇستىگە يۇكلەنگەن شەرئى تەكلىپلەرنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ شەخسىيىتىگە چىتىشلىق بولغان شەرئەت ھېمايە قىلىشقا كېپىللىك قىلغان مەسىلىلەرنى چۈشەندۇرىدۇ.

Image

ئۇسۇل فىقھى ھەققىدە قىسقىچە بىلىم - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ئاۋازلىق ئەسەر دوكتۇر ئابدۇلكەرىم زەيداننىڭ «ئۇسۇل فىقھى ھەققىدە قىسقىچە بىلىم» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك نۇسخىسىدۇر. شۇنداقلا ئىجتىھاد سەۋىيەسىدىكى ئۆلىمالار ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان تارماق مەسىلىلەردە، قۇرئان- سۈننەت نۇرى ئاستىدا شەرىئەتنىڭ؛ ھالال ياكى ھارام، رۇخسەت ياكى مەكرۇھ، مۇباھ ياكى پەزىلەتلىك ئەمەل، دېگەن ھۆكۈملەرنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قانۇنى پىرىنسىپىدىن....

Image

رامىزاننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەت خىسلەتلىرى، مۇسۇلماننىڭ رامىزاندىن ئىبارەت بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى غەنىمەت بىلىشى ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىشلەشكە تىرىرىشىنىڭ لازىملىقى، مۇسۇلمان ئۈچۈن ھاياتىدىكى سەلبىيىلىكنى ئۆزگەرتىشكە رامىزان ئەڭ مۇناسىپ پۇرسەت ۋە ئىلاھىي مەدرىسە بولۇپ، بۇنى ئىمان ۋە ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىغۇچىلارنىڭلا قەدىرلەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە....

Image

ئەھۋالىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

بۇ لېنتا مەشھۇر دىنى ئىسلىھاتچىلىرىمىزدىن بولغان دەۋەتچى كىرەم قارىمنىڭ سوزلىگەن لېكسىيەسى بولۇپ قانداق قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىمانىمىز مۇستەھكەم بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاللاھغا تولۇق ئىمان ئېيىتقان بولىمىز؟ رۇھانىيىتىمىز بىلەن مەۋجۇدېيىتىمىز قانداق قىلغاندا بىرىكىدۇ؟ ، دىگەن مەزمۇندا شەرئى ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشۈنۇشلۇك قىلىپ يورۇتۇپ بىرىدۇ. قېنى مەرھەمەت ئاڭلاپ ھۆزۇرلىنىڭ!

Image

ئىسلام ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى - (ئۇيغۇرچە)

ئىسلام ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى، ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئەزاننىڭ مەناسى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مۇھىم نۇقتىلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا قىزلىرىمىزنى قانداق تەربىيىلەيمىز دېگەن مەزمۇندا ئالاھىدە توختىلىدۇ.

Image

روھى گۈزەللىك - (ئۇيغۇرچە)

سەئدۇل ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ قىسقىغىنا ھېكايىسى بىزگە نىسبەتەن ھېسابسىز ساۋاق، نەسىھەت ئەڭگۈشتەرلىرىگە تولغان قىممەتلىك خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئارىمىزدىن قېنى كىم بۇ ئەڭگۈشتەرلەر بىلەن ئېتىكىنى تولدۇرۇشقا بەل باغلىيالايدۇ؟ ئارىمىزدا قېنى كىم ئىنسان دېگەن سۆزنىڭ ئادەملەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەمەس، بەلكى ئىچكى روھىيەت دۇنياسىغا قارىتىلغانلىقىنى چىن مەنىدىن تونۇپ يېتەلەيدۇ؟

Image

مۇقەددەس ئارمان - (ئۇيغۇرچە)

مۇقەددەس ئارمان، ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇممە ئەممارە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نىڭ ئوھۇد ئۇرۇشى كۆنى پەيغەمبىرىمىزنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى... ھەقىقى مۆمىنە ئاياللارغا خاس جەسۇرانە روھ ئىمانى بۇرچنى نامايەند قىلغانلىقىنى ئۈچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئىماننىڭ قۇۋۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىماننىڭ قۇۋۋىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى ئېبرەتلىك ۋەقەلىكنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقىدىن يىراقلاشساق ھېچ قاچان نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقىمىز ۋە شۇنداقلا دۇشمەنلىرىمىزنىڭ ئۇستىدىنمۇ زەپەر قۇچالمايدىغانلىقىمىزنى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى ئىسلام دىنىنى چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت ئېكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.

Image

رامىزان ئېيى مۇبارەك ئايدۇر - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزان ئېيى مۇبارەك ئايدۇر» ناملىق بۇ لېنتىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى، رامىزاندا خالىس ئاللاھ رىزالىقىنى ئۆمۈت قىلىپ ، ۋاقىتلىرىنى ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۈچۈن، ئەۋۋەلقى 10كۈنلىرىنىڭ رەھمەت،ئوتتۇرىدىكى 10 كۈنلىرىنىڭ مەغپىرەت، ئاخىرقى 10 كۈنلىرىنىڭ دوزاختىن ئازات بولىدىغان ئاي ئىكەنلىكى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان....

Image

ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت....

Image

تەڭداشسىز ھەقىقەت - (ئۇيغۇرچە)

«تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ....