بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 17/4/1430ھـ 2009-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ماختانچاقلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، سەلەپ ئالىملىرىىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىدىن نېمە ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغانلىقى، سۆھرەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت بۇ كېسەل جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا ئۆز تەسىرىنى....
شۆھرەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1430/4/28 -ھىجرىيە 2009-يىلى 04-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا مۇسۇلمانلار بىر-بىرىگە ئەزىيەت بېرىشتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى، ئەزىيەتسىز جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بولسا ئىتتىپاقلىقنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى بۇ بۈيۈك ئەخلاق بىلەن سۈپەتلىنىشكە چاقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا....
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/4/1430ھـ 2009-يىلى04-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى، يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار، مۇسۇلمان ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا كاززاپلىقتىن يىراق بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا....
چوشقا زۇكۇمى ئىنسانىيەتنى ساراسىمىگە سالماقتا - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا نېمە ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە چوشقىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى، چوشقا زۇكۇمىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، ئىنسانىيەت بۇنىڭغا ئوخشاش بالا-مۇسىبەتلەرگە نېمە ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقا ئۇچرايدىغانلىقى، مۇسۇلمانلار بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دىنىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، بەلكى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بالايى-ئاپەتلەر ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن سىگنال بولىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى....
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 27/5/1430ھـ2009-يىلى05-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھەر-تۈرلۈك مۇسىبەت ۋە تەبىئى ئاپەتلەرنى بېرىش ئارقىلىق سىنايدىغانلىقى، تەبىئى ئاپەتكە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا، ئىنسانلارنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى كۈزۈتۈدىغانلىقى، ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا تەۋبە....
يەۋتەۋرەش ئاپىتى ۋە ئىبرەت - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 27/5/1430-ھىجرىيە 2009-يىلى05-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا يەرتەۋرەش ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەبلەر، يەرتەۋرەشكە ئوخشىغان تەبىئى ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە، گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلىنىپ ئاللاھقا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىشىنى تەقەززا قىلىپ ئەۋەتكەن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە غەزىپىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە....
بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىك، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئامىل - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 5/6/1430ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئىنسانلارنىڭ بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسگە ئەگىشىشى ئىسلام دىنىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنى خۇنۇكلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە رەسۋالىققا يۈزلەندۇرىدىغانلىقى، ئىنسان بىدئەت ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىلىم ئىلىشى ۋە بىلگىنىگە ئەمەل قىلىشى تەقەززا....
ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 5/6/1430ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى زاماندا، بۇ ۋاسىتىلارنى قوللانغۇچىنىڭ قوللىنىشتىكى پايدا-زىياننى بىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلماننىڭ بۇ نېمەتلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارغىلا قوللىنىش لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم....
ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ قارىلىق تۇتۇشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 12/5/1430ھـ/ 2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويۇنچە قارىلىق تۇتۇشى ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن پرىنسىپلىرىدىن ئىكەنلىكى، قارىلىق تۇتۇش جەريانىدا بەزى ئىشلارنى ئاشۇرۇۋەتمەستىن شەرىئەت ھۆكمىنى ئۆلچەم قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ26/6/1430-ھىجرىيە2009-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياخشى نام ۋە شۆھرىتىنىڭ داۋاملىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار، ئىنساننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن جەمئىيەتتە ياخشى تەسىرىنىڭ قىلىشى ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگىلا بولىدىغانلىقى، دىن، مىللەت، ۋەتەن ئۈچۈن ھەرساھەدە خىزمەت قىلغانلار تارىختا ئۇنتۇلماس....
ئىنسان قەلبىنىڭ غەپلەتتە قىلىشى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 3/7/1430ھـ 2009-يىلى06-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا غەپلەتنىڭ تۈرلىرى، قەلبنىڭ غەپلەتتە قىلىشىنىڭ مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كەلتۇرىدىغان زىيىنى، دىنى مەجبۇرىيەتلەردىن غاپىل بولۇش، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشتىن غاپىل بولۇش ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
دەججال ھەققىدە چۈشەنگەنلىرىم - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا دەججالنىڭ چىقىشى ۋە پىتنىلىرى توغرىسىدا ئانالىز ئىلىپ بېرىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىمانسىزلىق، پىتنە-پاسات ۋە ئەخلاقسىزلىققا ئوخشىغان ئىشلارنى دەججالنىڭ چىقىشى بىلەن باغلاپ چۈشەنچە بېرىدۇ. دەججالنىڭ زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ پىتنە ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ھەرۋاقىت ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ساغلام ئەقىدىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشى دەججالغا ئوخشاش....

API
