×
Image

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى ئىسلام دۇنياسىدىكى پىكىر جەھەتتىكى قاتماللىق ۋە قالاقلىق نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ساغلام ئاساسىغا قايتىشقا چاقىرىدۇ، تەۋھىد ئوقۇمىنى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالغان تۈرلۈك شېرىكلەردىن تازىلاشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنى، بەزىلەر شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئىسمىغا ئاساسەن خاتا ھالدا «ۋەھھابىيلار» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ....

Image

نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟ - (ئۇيغۇرچە)

«نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى پۈتۈن ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئۈلگىلىك ئوبرازى، ئىسلام دىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ جانلىق تەرجىمىسى، كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ داغدام يولىنى كۆرىسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراق ئىكەنلىكى ۋە ئۇ زاتنى تونۇشنى پەرز قىلىدىغا بىر نەچچە مەسىلە ئۇستىدە ئەتراپلىق چۇشەنچە....

Image

ئىخلاس- ساداقەت رەمزىدۇر - (ئۇيغۇرچە)

«ئىخلاس- ساداقەت رەمزىدۇر» ناملىق بۇ ماقالىدە، مۇسۇلمان ھاياتىدا ئىخلاسنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، بەلگىلەنگەن ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

Image

كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە - (ئۇيغۇرچە)

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھى قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۇرمەكتە.

Image

ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى - (ئۇيغۇرچە)

«ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ھايات بىر دېڭىز، ئىنسان ئۇ دېڭىزدا كېمىدە يولغا چىققان بىر سەيياھ، دىنى ئېتىقاد ئۇ كېمىنىڭ كاپىتانى. كاپىتانسىز كېمىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئىمكانسىز بولغىنىدەك، دىنى ئېتىقادسىز ئادەممۇ ئۆمۈر مەنزىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا دىنىي ئېتىقاد ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە ئايرىلالماس ھايات قوماندانى.

Image

تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى - (ئۇيغۇرچە)

«تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش ۋە ئۇنى تەربىيەتچىلىكتە، ئىسىم ـ سۈپەتتە يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، سۆز ياكى ھەرىكەتتە بولسۇن ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر زات ئاللاھ دەپ بىلىش قاتارلىقلار ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ بارلىق نىزاملىرى، ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ بىخلىنىپ....

Image

دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

ئىسلامنىڭ شەرتلىرى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلامنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ رىسالىدە، ئىنساننىڭ، ئاللاھ تائالانى توغرا رەۋىشتە تونۇشى،دىننىڭ ھەقىقى ماھېيىتىنى بىلىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇ زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشى، " لائىلاھە ئىللەللاھ" كەلىمىسىنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئامىللار، ئىنساننى دىندىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئەقىدىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ...قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسگە ئاساسلانغان ھالدا بايان....

Image

ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 15/7/1429ھـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئىنسانىيەتكە بەخت-سائادەت بولىشىنى ئىرادە قىلغانلىقى، ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە پرىنسىپلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، گاھىدا ئۆز ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن ئوبرازى خۇنۇكلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى، ساماۋى....

Image

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتكە رەھمەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 9/5/1431 ھـ / 2010-يىلى04-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا رەھمەت ۋە ھىدايەت پەيغەمبىرى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى، باقى دۇنيادا باياشات ھايات كەچۈرەي دېگەن كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ھاياتىدا ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى كېرەكلىكى، ساھابىلەرنىڭ....

Image

ئاللاھ تائالا كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«ئاللاھ تائالا كىم؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ھېكايە تۈسى ئالغان بۇ ئەسەر، كېچىك دوستلارنىڭ بىزنى كىم ياراتقانلىقى؟ نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقى؟ نېمە ئۈچۈن رەببىمىزنى تونۇشىمىز كېرەكلىكى؟ كائىناتنى كىم كونترول قىلىدىغانلىقى قاتارلىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان ئاللاھ توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

Image

دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«دىن دېگەن نېمە؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، دىننىڭ ماھىيىتى ۋە بەندىلەر ئۈستىدىكى ئاللاھ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، ئىسلام ۋە كۇفىر، شېرىك ۋە بىدئەت قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.