×
Image

سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 10/4/1431ھـ 2010-يىلى03-ئاينىڭ26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا سۆزنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى كۈچى، سۆز جەمئىيەتنى ئىسلاھات قىلىش ياكى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينايدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، ھەق سۆزنىڭ پەزىلىتى ۋە تەسىرى، يامان سۆز ۋە ئۇنىڭ خەتىرى، سۆزلەش....

Image

ئاخىرەتنى دۇنيالىققا ساتقان كىشىلەر توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ17/4/1431-ھىجرىيە 2010-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلار پۇل-مال، ئېلىش- بېرىش مۇئامىلىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار، پۇل-مال مۇئامىلىرىدا شەرىئەتتە چەكلەنگەن يوللارنى كەسىپ قىلىش ئارقىلىق ھاياتتا چىقىش يولى قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، مۇسۇلمان كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئالاقىلىرىدا ئاللاھتىن قورقۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھالال....

Image

مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/5/1431ھـ/2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرەت ۋە ياردەمگە ئېرىشىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان جانلىق تارىخى مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەت - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ30/5/1431ھـ2010-يىلى05-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان سەمىمىيەت ۋە راستچىللىقى، سەمىمىيەتنىڭ پەزىلىتى، ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ساھابىلارنىڭ ئاللاھقا بولغان سەمىمىيىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

Image

پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى جۈمە خۇتبىسى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ خۇتبە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كېرىشتىن ئىلگىرى سالىم ئىبنى ئەۋپ ئايمىقىدا سۆزلىگەن تۈنجى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىدىكى بايانلارنىڭ روھانىي ۋە تەربىيىۋى قىممىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

Image

نۇسرەتكە ئېرىشىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 21/6/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ دىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتىدىن يىراقلاشقانلىق سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق، كەمسىتىش ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. ھەرقانداق مىللەت ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرەي دەيدىكەن، دىنىغا قايتسۇن ۋە ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرسۇن،....

Image

ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/6/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ئېغىر كۈن ۋە سىناقلارغا دۇچار بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ھۆكمىگە بويسۇنۇپ سەۋرچانلىق بىلەن دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكى، ئاللاھقا چەكسىز ئىشەنچ باغلاش ئارقىلىق ئېغىر كۈن ۋە مۇسىبەتلەردىن قۇتۇلۇش....

Image

پەسىللەردىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ27/7/1431ھـ 2010-يىلى07-ئاينىڭ09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە قىش-يازدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلنىڭ قەھرىتان سوغۇق ۋە ئادەمنى راھەتسىز قىلىدىغان ئىسسىقلىرىدىكى ھېكمەتنى تەپەككۇر قىلىش، ئىنسانغا بۈيۈك بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىدىغانلىقى، يازنىڭ ئۇزۇن كۈندۈزلىرى، قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىنى ئاللاھ رازى....

Image

كۆڭۈلدىكى مېھمان (تەۋسىيە ئەسەر) - (ئۇيغۇرچە)

«كۆڭۈلدىكى مېھمان» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، رامىزاننىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، روزىنىڭ پايدىسى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدارنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار ۋە روزىغا دائىر ئەھكام قاتارلىقلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

رامىزاندىكى بىر كۈن (تەۋسىيە) - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاندىكى بىر كۈن» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش، كۈندىلىك ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلىپ بېرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا روزىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

Image

ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ18/8/1431ھـ 2010-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى، ئىستىغپار ئېيتىش ئارقىلىق گۇناھنىڭ مەغپىرەت بولىشى ۋە ئەجىرنىڭ كۆپىيىشى، دۇنيا-ئاخىرەتتە مەرتىۋىنىڭ يۇقىرى بولىشى، سالىھ پەرزەنت، ھالال زىرىق، كۆڭۈلگە تىنچلىق، تۇرمۇشقا ئارام بەخش بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم....

Image

ئۆز-ئارا سالاملىشىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا سالاملىشىشنىڭ پەزلى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ بۈيۈك سۈننەتنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، سالاملىشىشنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەدەب-ئەخلاقلىرى، قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان ھەرۋاقىت تەبەسسۇمنى لازىم تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.