ئاپتور ماقالىسىدا «نۇرچىلار» جامائىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئېتىقاد ۋە پىكرى كۆز قارىشى، نۇرچىلارنىڭ پىكىر ۋە ئەقىدىسىنىڭ يىلتىزى، جامائەتنىڭ تارقىلىش ۋە تەسىر دائىرىسى قاتارلىق تەپسىلى مەلۇماتلار بىلەن نۇرچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
«نۇرچىلار» جامائىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 22/3/1432ھـ2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھۆرمەتلىك ساھابە ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى مەدھىيەلىگەنلىكى، ئىسلامىيەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن قوشقان بەزى تۆھپىلىرى، ئۇنىڭ شېھىت قىلىنىشى ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە تۈنجى پىتنىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى....
ئىسلام تەربىيىسىدە ۋەتەن سۆيگۈسى - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، ۋەتەن سۆيگۈسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى تۇغما خاراكتىرلاردىن بىرى ئىكەنلىكى، ئىنساندا ھەقىقى ۋەتەن سۆيگۈسى بولىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىنغا بولغان سادىق تەۋەلىك تۇيغۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولىشى، ئاندىن كىيىن بۇ تۈردىكى ساداقەت تۇيغۇسىنىڭ ۋەتەنگە بولىشى لازىملىقى، ئىسلام تەربىيىسىنىڭ ئىنساندا ۋەتەن سۆيگۈسىنى يىتىلدۇرۇشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان ۋە....
ئاپتۇر ماقالىسىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۇ شەرەپلىك زېمىننىڭ شانلىق تارىخى ۋە پەزىلىتى، مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنى، بۇ زېمىندىكى دىنى زىيالىلارغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتماسلىقى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا جىددى ۋە مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
مىللىتىمىز دىنى زىيالىلارغا ئېھتىياجلىقمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىنى زىيالىلارغا ئېھتىياجى بارمۇ، يوق؟ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق ياكى ۋاقىتسىز قاچۇرىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب نېمە؟ دىنى زىيالىلار مىللەتكە دىننى قانداق يەتكۈزمەكچى؟ ئۇيغۇر دىنى زىيالىلىرىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيە قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆتكەن ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى بىلەن ھازىرقى زامان دىنى زىيالىيلىرى....
مۇسلىمە ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئىسلاھاتىدىكى ئاساسلىق ئامىل قىز-خانىملارنىڭ ئېتىقادلىق، ئىرادىلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇش بىلەن بىرگە، تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مۇسلىمىلەرنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئۇلۇغ مەرھەمەتلىرى، شارائىتنىڭ ناچار بولىشىغا قارىماي دىن ۋە مىللەتنىڭ كېلىچىكى ئۇستىدە جىددى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر دەۋەتچى....
رامىزان روزىسىنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، رامىزان روزىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ماھىيىتى، روزىنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى، روزىدارلارغا ئاللاھنىڭ چەكسىز ئەجىر ۋە بۈيۈك ساۋاب تەييارلىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
رامىزاندىن ئىلگىرى ۋە كېيىن - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، رامىزان روزىسىغا تەييارلىق كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمان نەپسىنى ئىسلاھ ۋە پاكلاش ئۈچۈن رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش لازىملىقى، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەل ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
خۇشۇئ نامازنىڭ جىنىدۇر - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، "خۇشۇئ " نىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمى، "خۇشۇئ " نىڭ پەزىلىتى، نامازخان ھاياتىدا "خۇشۇئ " نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى قۇرئان، سۈننەت ۋە سەلەپ-سالىھلارنىڭ خۇشۇئ چۈشەنچىسىدىن دەلىللەپ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ مەسىلىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
قۇرئان كەرىمنى قانداق ئوقۇشىمىز كېرەك؟ - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈپ ۋە پىكىر يۇرگۇزۇپ ئوقۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە قۇرئان كەرىم ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى، قۇرئان كەرىمنى ئىزچىل ئوقۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان ھاياتى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى جانلىق مىساللار بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ھاياتىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپلىۋېلىڭ - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، ئىنسان ھاياتىدا مۇئەييەن نىشان يۆلىنىشىنى بەلگىلەشنىڭ مۇھىملىقى، قايسى ئىشنى ئىلگىرى ۋە كېيىن قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن پىلانلىق خىزمەت يۆلىنىشى تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ھەجدىن كىيىنكى ھايات - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، ھەج ئىبادىتىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، ئىبادەت مەۋسۇملىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى، ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنىڭ ئالامەت ۋە ئەسەرلىرى، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئەقىدىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھاياتىغىچە ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم-تەۋرەنمەي تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى....

API
