×
Image

ياخشى گۇمان قەلب راھىتى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، مۇسۇلمان ھاياتىدا ياخشى گۇماننىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولى، باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار، يامان گۇماننىڭ تەسەۋۋۇرسىز ئاقىۋىتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان كەرىم ۋە ساغلام ھەدىسلەر بىلەن، شۇنداقلا سەلەپ-سالىھلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە گۇماننىڭ ماھىيىتىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

راستچىللىق - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ28/01/1433ھـ 2011-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئالاقىدارلىق چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلاردا راستچىللىقغا بۇيرۇيدىغانلىقى، راستچىللىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىدا بەرىكەت بولىدىغانلىقى، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىدا بەرىكەت بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

قىلمىشنىڭ جازاسى ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 05/02/1433ھـ 2011-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا بەندە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتلار بىلەن تارتۇقلايدىغانلىقى، ئەگەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقىغا ئىتائەتسىزلىك قىلسا، ئۇنىڭ ئازابىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە....

Image

ياش-ئۆسمۈرلەر زايا بولمىسۇن - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 4/3/1433ھـ 2012-يىلى01-ئاينىڭ27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ياشلارنى توغرا پرىنسىپ بىلەن يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى بارلىق مەسئۇلىيەت ئىگىلىرىنىڭ ياشلارنى ساغلام ئىدىلوگىيەگە يىتەكلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

قۇربان ھېيتى - (ئۇيغۇرچە)

«قۇربان ھېيتى»ناملىق بۇ ماقالىدا ئاپتۇر سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى....

Image

ئەھزاب غازىتىدىن دەرس ۋە ئىبرەتلەر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 14/07/1434 ھـ / 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئەھزاب غازىتى جەريانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق سەۋەبلەرنى قوللىنىش بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگەشمەسلىكنىڭ خەتىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ( 21/07/1434 ھـ / 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ) جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا، مۇسۇلماننىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ ياشىشىنىڭ ۋاجىپلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلماسلىق ۋە ئىنكار قىلىشنىڭ خەتىرى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

ئىبادەت مەۋسۇمىدىن كىيىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ (02/10/1434 ھـ / 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى) جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن. خۇتبىدا، ئىبادەت مەۋسۇمىدىن كىيىنمۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە گۈناھ-مەسىيەتتىن چەكلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

چاشگاھ نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشىگە خۇش بىشارەت بولسۇن! - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتۇر ماقالىسىدا، چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى، رەكئەت سانى قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللەرنى كەلتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

قۇرئان- سۈننەتتە بايان قىلىنغان خۇش بىشارەتلەر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتى (04/01/1435 ھـ / 2013-يىلى 11- ئاينىڭ 08-كۈنىدىكى) جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى ئىبنى ئەۋۋاد ئەلسۇبەيتى سۆزلىگەن. خۇتبىدا، قۇرئان - سۈننەتتە مۇسۇلمانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بېرىلگەن بەزى خۇش بىشارەتلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، سالىھ ئەمەللەرنى قىلغۇچىغا ياخشىلىق بىلەن بىشارەت بىرىشنىڭ پەزىلىتى....

Image

تاغۇت ھۇجرىسىدا يېتىلگەن ئىمان - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئېرىگە ئىنكار قىلىشى، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش سەۋەبلىك پىرئەۋندىن كۆرگەن ئەزىيەتلەرگە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ سەۋرى قىلىشى، ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن پەزىلەت ۋە مۇكاپات قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئىسلامدا سۆيگۈ-مۇھەببەت چۈشەنچىسى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ۋە پەزىلەتلىرى، يات جىنسلار ئارىسىدىكى بىنورمال ئالاقە ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قاتارلىق سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئالاقىدار بولغان ئىشلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.