×
Image

بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 16/5/1431 ھـ 2010-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، بەزى مەسىلىلەرگە يۈزەكى قاراپ بىنورمال پەتىۋالارنى بېرىش دىنى ئەھكاملارغا ئېتىبارسىز قارىغانلىق بولىدىغانلىقى، بىلمەي تۇرۇپ....

Image

ئاللاھدىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 0/9/1431ھـ 2010-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇبارەك رامىزان ئېيى كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۆزىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، قەلب پاكلىقى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە قورقۇش ئارقىلىق....

Image

ئاللاھتىن قورقۇش بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 15/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاللاھتىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى، بارلىق پەيغەمبەرلەر تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتىنى زېمىندا يېيىش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

Image

ئىنتېرنېت ۋە دىنى تەشۋىقات - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە قوللىنىش جەريانى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاقارتىش خىزمىتىگە توھپە قوشۇش ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ دىنى دەۋەتنى مىللەتكە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

Image

ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم دەپ قارالغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان، نەدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، قاچان، نەدە ۋاپات بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ دىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان ئەزىيەتلەرگە ئوخشىغان بەزى مۇھىم تارىخى مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.

Image

ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش پەرزەنتلەر ئۇستىدىكى ۋاجىپتۇر - (ئۇيغۇرچە)

ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش پەرزەنتلەر ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەت، ناملىق بۇ ماقالە دىنى زىيالىلىرىمىزدىن بولغان،ئابدۇۋاھاب مۇھەممەد، مۇھەممەد مۇسا ئەپەندىملەر تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ماقالىدە ئاتا-ئانىنىڭ پەرەنتلەر ئۇستىگە يۇكلەنگەن مەجبۇرىيىتى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش قاتارلىقلارنى قۇرئان، ھەدىسگە تايانغان ئاساستا ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپلىق يورىتىپ بىرىدۇ. ئەگەر سىز ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىناي دىسىڭىز مانا....

Image

جەننەتكە چاقىرىق - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، جەننەتنى قانداق قازىنىش ۋە دوزاختىن قانداق يىراقلىشىش كېرەكلىكى، ئاللاھ ھەرۋاقىت بەندىلىرىنى جەننەتكە چاقىرىدىغانلىقىنى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

Image

گۇناھ-مەئسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەشنىڭ خەتىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 12/2/1433ھـ 2012-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەش ۋە باشقىلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ شەخش ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، مۇسۇلمان گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىش ھارپىسىدا ئۆزى ۋە مىللىتى، ئىتىقادىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

دىندا بىدئەت پەيدا قىلىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مۇراسىم (مەۋلۇت) ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنىڭ خەتىرى، بىدئەتنىڭ ساغلام ئەقىدە، دىنى ئەمەللەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قايسى شەكىل بىلەن بولسۇن خاتىرىلەشنىڭ دىنى مۇراسىملاردىن ئەمەسلىكى، مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ، سۈننەتنى ئەھيا قىلىشقا توھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

بەخىتلىك ياشاشنىڭ ۋاستىلىرى (قىسقارتلىغان) - (ئۇيغۇرچە)

پەزىلەتلىك شەيخ د. ھەيسەم سەرھان تەييارلىغان ئۇيغۇر تېلىدىكى"بەختلىك ھاياتنىڭ ۋاستىلىرى" ناملىق كىتاپچىدا ئەللامە سەئدى رەھىمە ھۇللاھنىڭ"بەختلىك ھاياتنىڭ ۋاستىلىرى"ناملىق رىسالىسى قىسقارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەقىقى بەخت-سائادەتكە ئىلىپ بارىدىغان سەۋەپلەر، ئۇنىڭ ۋاستىلىرى، يوللىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ سەۋەپلىرى قۇرئان ھەدىستىن ئىلىنغان شەرئى دەلىللەر بويىنچە روشەن بايان قىلىنغان.ئاپتۇر بۇنى قىسقا نۇقتىلار شەكىلدە رەتلەپ، چىرايلىق شەكىلدە....

Image

ياخشىلىققا بۇيرۇپ چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسۇش جەمئىيەت ئىسلاھاتىدىكى ئاساسلىق ئامىل - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/4/1430 ھـ 2009-يىلى04-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ياخشىلىققا بۇيرۇش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسۇشنىڭ پەزلى، ئەمرى-مەرۇپنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچىلارغا ئاللاھنىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا....

Image

ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ خەتىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/2/1431ھـ/2009-يىلى01-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقى، مۇسۇلمان كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ئىنسان ھاياتىغا زۆرۈر بولغان بارلىق ئامىللاردا شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى لازىم تۇتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.