بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 29/7/1432ھـ 2011-يىلى07-ئاينىڭ01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمان كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بارلىق ماددى -مەنىۋى ئىشلاردا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كىراملارنى ئۈلگە قىلىپ ياشاشنىڭ لازىملىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھايات كەچۈرۈشى، كېلىچەك ئەۋلادلارنىڭ پەزىلەت ۋە ئەخلاق ئىگىسى بولۇپ....
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ14/8/1432ھـ 2011-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلاندۇرۇلغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى ئىمانى تەقەززا ئىكەنلىكى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ھاياتىدىن بەزى ئەخلاقى ئۆرنەكلەر بىلەن چۈشەنچە....
مۇناپىقلىق ئەڭ ئېغىر كېسەلدۇر - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/6/1431ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا نىپاقلىقتىن ئىبارەت بۇ ناچار قىلمىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زېيىنى ۋە خەتىرى، نىپاقلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن دەلىللەپ چۈشەنچە بېرىدۇ.
ئېھسان توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 8/7/1429ھـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەپەككۇر قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى«سەن ئاللاھقا قىلىۋاتقان ئىبادىتىڭنى خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېسسىياتتا قىلىشىڭ كېرەك» ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئېھساننىڭ تەقەززاسى بىلەن سۇپەتلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى....
ئەتىگەن ۋە كەچتە دېيىلگەن زىكرى - (ئۇيغۇرچە)
ئەتىگەن ۋە كەچتە دېيىلگەن زىكرى
ئاچچىقنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى - (ئۇيغۇرچە)
«غەزەپنى يېڭىشنىڭ ئۆنۈملۈك چارىلىرى»ناملىق بۇ ماقالىدا ، غەزەپنىڭ شەيتاننىڭ ھېلى-مىكىرلىرىدىن ئېكەنلىكى، ئۇنىڭ سەۋەبى ئىنسان يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ زور ئېكەنلىكى، غەزەپلەنگۈچى ئاچچىغى كەلگەندە غەزىپىنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.
پەيلاسوپلار ئارمان قىلغان پەزىلەتلىك جەمئىيەت - (ئۇيغۇرچە)
پەزىلەتلىك جەمئىيەت قەدىمدە كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ياشاپ كەلگەن شىرىن خىيال بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغۋار نىشان سانىلىپ كەلدى. ھەركىم پەزىلەتلىك بۇ جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدا ياشاشنى تىلەيدىغان بولغان ئىدى. كۆڭۈل راھەتلىنىدىغان مۇنداق بىر جەمئىيەتنى كىممۇ ئارمان قىلمىسۇن؟!
غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
«غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا، غەيۋەتنىڭ زىيىنى، جەمىيەتكە بولغان سەلبىي تەسىرى، ئۇنىڭ بۈيۈك گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدىن ئەمەسلىكى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسكە تايانغان ھالدا بايان قىلىپ بېرىدۇ.
تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
«تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا، تەكەببۇرلۇقنىڭ نەقەدەر رەزىل ئەخلاق ئىكەنلىكى،ئۇنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۇرىدىغان زىيىنى، قانداق قىلغاندا تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ يامان ئەخلاقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
ئىسلامدا تەقۋادارلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
تەقۋادارلىق بولسا مۆمىنلار ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ ئالى مەقاملاردىندۇر. تەقۋادارلىق ئىنساننى پۇتۇن ئىش-ھەركەتلىرىدە ئاللاھ زىرالىقىنى ھاسىل قىلىشقا ئۇندەيدۇ.
ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت - (ئۇيغۇرچە)
«ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت» ناملىق بۇ ماقالىدا، جەمئىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان دىنى ئېتىقاد، مىللى غۇرۇر، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بەزى بىر ئەھۋاللارنى ئىچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، قۇرئان ۋە ھەدىس نۇرى ئاستىدا قانداق قىلىش توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قانداق قوغدايمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)
شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.

API
