×
Image

قىز-خانىملارغا خاس ھەج ئەھكاملىرى - (ئۇيغۇرچە)

مەن بۇ يىل ئاللاھ خالىسا ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلدىم، ھەجدە مەن ئۈچۈن پايدىلىق ۋە زۆرۈر بولغان نەسىھەتلەرنى بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاياللارنىڭ ھەج پائالىيىتىدە ئەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلەر بارمۇ؟.

Image

قەرزدارنىڭ ھەج قىلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن تىجارەت بانكىسىدىن يىللىق قەرەللىك تۆلەش مۇددىتى بىلەن ئىككى يۈز ئەللىك بىرمىڭ توققۇز يۈز (251900) رىيال قەرز ئالدىم. مەن مۇشۇ قەرز ئالغان پۇل بىلەن ھەج قىلسام توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھەج قېلىش ئۈچۈن يولدىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەكمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

يولدىشى رۇخسەت قىلمىسىمۇ، ئايال كىشىنىڭ ھەج قېلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.

Image

ئۆمرە ئىبادىتى بۇرۇن ئادا قىلىنامدۇ ياكى قەرزمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مەن ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنساملا ئۆمرە-ھەج قىلىمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەگەر ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنسام، ئۆتەشكە تىگىشلىك قەرزىم بار تۇرۇقلۇق ئۆمرە قىلسام توغرا بولامدۇ؟ ياكى قەرزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆمرە قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

Image

سۈننەتكە ئۇيغۇن ھەج قىلىش دېگەن نېمە؟ - (ئۇيغۇرچە)

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ،» دېگەن ھەدىس شېرىپنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟.

Image

ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مەن ئائىلىدە يالغۇز قىز، مەن توي قىلغان، ھازىر ئىككى بالام بار، يولدىشىم بىلەن ئامېرىكىدا ياشايمەن، باشقا تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرقتە ياشايدۇ، يولدىشىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ، مىنىڭ ھەج قىلىش شارائىتىم تولۇق، ھەج ئۆمەكلىرى بىلەن بىرگە پەرز ھەجنى ئادا قىلسام بولامدۇ؟ ئەگەر بۇنداق قىلىش توغرا بولمىسا مەن بۇ پەرزنى....

Image

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟ - (ئۇيغۇرچە)

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن  نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

Image

ئايالىنىڭ كېسەللىكى سەۋەبىدىن ھەجنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

يولدىشىم شىركەت مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشى كۆپ ۋاقتى ناھايىتى قىس، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يەنە بىر شېرىكى بولۇپ، ئۇنى ئورنىدا تۇرغۇزۇپ ھەج قىلىپ كەلسە كېلەلەيدۇ. لېكىن بۇ يەردە يەنە بىر قىيىنچىلىق بار، ئۇ بولسىمۇ مەن ھامىلدار، تەخمىنەن ھەجدىن ئالتە ھەپتە بۇرۇن بوشىنىمەن، ئاساسلىق مەسىلە، مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، بەدىنىمنىڭ پەي-مۇسكۇللىرى ئاغرىيدۇ، ئەركىن....

Image

مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن بۇ يىل مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، بەزى كىشىلەر 10-كۈنى بىلەن 9-كۈنىدە روزا تۇتۇشنى سۈننەت دەيدۇ،  بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بارمۇ؟.

Image

ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولغانسېرى ئەجىر-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ پىيادە مېڭىپ ھەج قىلسام، بۇنىڭ ساۋابى كوپ بولىدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

دوختۇر خانىم مەھرىمى بولمىسىمۇ ھەج ئۆمىكى بىلەن ھەجگە بارسا بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قېلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۆتكەن يىلى مەھرىمىم بىلەن بىرلىكتە ھەج ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلغان ئىدىم. بۇ يىل مەن بىلەن بىرگە بارىدىغان مەھرەم يوق، شۇنىڭدەك دوختۇرنىڭ ئۆمەك بىلەن بىرگە مېڭىشى بېكىتىلگەن. ھازىر ھەج ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا ئۆمەك باشقا بىر دوختۇر تېپىپ بولالمايدۇ. مەن قانداق قېلىشىم كېرەك؟.....

Image

ھەج قىلغاندىن كېيىن نامازنى تەرك قىلغان كىشى يەنە قايتىدىن ھەج قېلىشى كېرەكمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بىر كىشى ھەج قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامازغا سۇسلۇق قىلدى ۋە تاشلىدى. كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تۆۋە قىلدى. ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ، ئۇ ھەج ئىسلام بېكىتىلگەن پەرز ھەج ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۇ تۆۋە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ھەج قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.