ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىگە ئىككى قېتىم كۆتۈرۈلگەنمۇ؟ چۈنكى مەن بىر كىتابتا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كاتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە زېمىن يۈزىگە قايتىپ كېلىپ، ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، يەھۇدىيلارغا بىر نەرسىدىن خەۋەر بېرىپ بولۇپ، قايتا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن قىيامەتنىڭ ۋاقتى بىلدۈرۈلمىگەن؟ - (ئۇيغۇرچە)
نېمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرمىگەن؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپلىگەن دىنى ئوقۇغۇچىلار كېچىلىك ناماز (تەھەججۇد نامىزى قاتارلىق) پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر ساۋابنى بىلىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ؟.
ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)
گۆشى يېيىلىدىغان ياكى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئاشلانغان ياكى ئاشلانمىغان تېرىلىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەن تىجارەتچى، تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىم ئائىلە-بالىلىرىمنىڭ خىراجىتىگە ئاران يېتىدۇ. ئەسلى مەبلەغدىن ئالمىسام ھەج قېلىشقا قادىر بولالمايمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئەسلى مال كېمىيىپ، كېرىم نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇ ئائىلە-بالىلىرىمنىڭ خىراجىتىگە يەتمەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە ماڭا ھەج قىلىش پەرزمۇ؟ بۇ ھەققە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئايالىم ئۆيدە گاز تۈگىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، گاز تۇڭىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر ئىدى، مەن ئۆيدە ئەمەس، گاز تارقاتقۇچى ئۆيگە كىرىپ يېڭى گاز تۇڭىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىپ كەتسە بولامدۇ؟، ئايالىمنىڭ يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ھەمشىرە بىرگە بولسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
دادام بىلەن ھاممام ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئائىلىۋى ئىختىلاپ ئارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنىڭ ئۈزۈلىشىگە سەۋەب بولدى. ھاممام بىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما بىز زىيارەت قىلمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ئىمام بۇخارى بايان قىلغان بىر ھەدىستە: يىلپىزنىڭ تېرىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كەيمەسلىك توغرىسىدا سۆزلەنگەن. مەن ئىلگىرى بىلمەستىن شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كىيىملەرنى سېتىۋالغان ئىدىم، مەن بۇنىڭدىن كىيىن بۇ تۈردىكى كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىۋالماسلىقنى نىيەت قىلدىم. مەزكۇر كىيىملەرنى ئۆي ئىچىدە كىيىۋەتسەم بولامدۇ؟ ياكى بۇنى ئۆي ئىچىدە كىيىشمۇ چەكلىنەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئاياللار توپلانغان سورۇندا ئەرلەر بولمىسا، ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلامدۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادا قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
تۈلكە تېرىسى ئاشلانسىمۇ پاكىزە بولمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)
تۈلكە تېرىسى ئاشلانسا پاكىزە بولامدۇ؟ ئاشلانغاندىن كېيىن ئۇنى كىيىم-كېچەككە ئىشلەتسەك ياكى باشقا تەرەپتىن پايدىلانساق بولامدۇ؟ ئۇنى سېتىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
رامزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز؟ ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇللار قايسى؟
مەن ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، ئاڭلىمايدۇ، بەدىنى تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن قەبرە ئازابى بارلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەرنى كۆردۈم، بۇ دېگەنلىك ئىنسان ئۆلگەندىن بەدەن سېزىمچانلىقىنى يوقاتمايدۇ دېگەنلىكمۇ؟ قۇرئان كەرىمدە شېھىتلەر ئۆلمەيدۇ دېيىلگەن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ جەھىل، ئۇمەييە ۋە باشقا كاپىرلارنىڭ جەسەتلىرىگە خىتاپ قىلغاندا، ئۆمەر ئىبنى....

API
