«ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى» ناملىق بۇ كىتاپدا، ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۇپەتلىرى، مەلائىكىلەر، سەماۋى كىتاپلار، پەيغەمبەرلەر، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر يەنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى ... قاتارلىق ئەقىدىگە ئائىت مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى - (ئۇيغۇرچە)
ئىماننىڭ ئاساسلىرى - (ئۇيغۇرچە)
ئىماننىڭ ئاساسلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ مەشھۇر ئالىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ بولۇپ، ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي نىزامىددىن تەمكىنى ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئىسلام دۇنياسىدا، ئەقىدە توغرىسىدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى كىتابچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتابتا، ئاللاھغا توغرا رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ساماۋى كىتابلار، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر... قاتارلىق مۇھىم....
بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار - (ئۇيغۇرچە)
بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار ناملىق بۇ ئەسەردە، كىمكى ھاياتىدا بۇنى تەتبىقلىسا گۈزەل ھايات ۋە كەڭرىچىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشسە، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئۆتۈدىغانلىقىنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا روشەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.
«ھىسنۇل مۇسلىم» ناملىق بۇ كىتاپچە قۇرئان ۋە ھەدىستىكى زىكىر ۋە دۇئالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەندە بىلەن ياراتقۈچى ئوتتۇرىسىدا دائىمى ئالاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈچرايدىغان ئىشلارنى ئاللاھقا سېغىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلىم بېرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى - (ئۇيغۇرچە)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى، تەكبىردىن تارتىپ تا سالام بەرگەنگە قەدەر ئېخچام ۋە چۈشۈنۈشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مۇھىم دەرسلەر - (ئۇيغۇرچە)
ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مۇھىم دەرسلەر ناملىق بۇ رىسالىدە، ئاپتور چوڭ-كىچىك مۇھىم پىقھى مەسىلىلەرنى بايان قىلغاندىن باشقا، مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى كېرەك بولغان ئىسلامى ئەخلاقلارنى روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. چوڭ گۇناھلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ خەتىرى، مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.
قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر - (ئۇيغۇرچە)
«قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرگە قەدەر 22خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. بۇ كىتاپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. كىتاب ئىككى قىسىمغا....
ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلار - (ئۇيغۇرچە)
ساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ....
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈرۈشى، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى باتىل كۆز قاراشلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللىك جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىدىكى زىتلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھ بولماستىن بەلكى....
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى ۋە بۇتلارنى چىقىپ تاشلىشى، ئۆز قەۋمى بىلەن ئىلمى مۇنازىرە قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى دوستلۇققا تاللىشى ۋە ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەيتۇللاھنى بىنا قىلىشى ۋە زېمىندا....
نامازنىڭ ئەھمېيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
نامازنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى، بۇ لېكسىيە مەرھۇم ئابدۇرىشىت مەخسۇم ھاجىمنىڭ جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ لېكسىيەدە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى توغرىسىدا قىسقا چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ھېكمىتى ھەققىدە نوختىلىق توختىلىدۇ.
«قانداق قىلسام تاھارەت ۋە نامازنى ساغلام ئادا قىلالايمەن» ناملىق بۇ لېكسىيە، نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى، نامازنى قەستەن تەرك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى، تاھارەت ئىلىش ۋە نامازنى توغرا ئادا قىلىش قاتارلىق، نامازغا ئائىت مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

API

