×
Image

بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Image

ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرايلى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 20/5/1430ھـ/ 2009-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىر قەۋملەرگە ئوخشىۋالماستىن، ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، يات دىندىكى مىللەتلەرنى دوراش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش،(مەيلى ئۇ ئۆرپ-ئادەت ياكى مەدەنىيەت بولسۇن)ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىش....

Image

دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار - (ئۇيغۇرچە)

«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

Image

ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆرىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 12/1/1430 ھـ 2009-يىلى01-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، بۇ خۇتبىدا، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى، تارىختا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى، مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە مۇنقەرزلىككە ئىلىپ بارىدىغان سەۋەبلەر، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تەبىئىتى، بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قەلبىدىكى ئورنى قاتارلىق....

Image

مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 29/7/1432ھـ 2011-يىلى07-ئاينىڭ01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمان كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بارلىق ماددى -مەنىۋى ئىشلاردا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كىراملارنى ئۈلگە قىلىپ ياشاشنىڭ لازىملىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھايات كەچۈرۈشى، كېلىچەك ئەۋلادلارنىڭ پەزىلەت ۋە ئەخلاق ئىگىسى بولۇپ....

Image

نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش - (ئۇيغۇرچە)

ئىمام نامازنى تۇگەتكەندىن كىيىن دۇئا ۋە ئىستىغپار (سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر) زىكىرلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە دېيىشى جائىزمۇ؟

Image

ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئىنسان ئىشلاردا مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟بۇ توغرىدا تەپسىلى چۇشەنچە بىرىلگەن بولسا.

Image

تەقۋادارلىقنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/6/1429 ھـ / 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ جۇمە خۇتبىسىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن ، بۇ خۇتبىدا تەقۋالىقنىڭ مۇسۇلمان ھاياتى ۋە جەمىيەتكە كۆرسىتىدىغان ئۇنۇملىك تەسىرى، تەقۋانىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى نېگىزلىك چۈشەنچىسى،تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ چارىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قۇرئان ،ھەدىس ۋە....

Image

زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى - (ئۇيغۇرچە)

«زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ لېكسىيە زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى، ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت، زاكاتنىڭ روھ ۋە ئەخلاق، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى، زاكاتنىڭ شەرتلىرى ۋە نىساۋى، زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى، زاكات ئايرىمىغۇچىلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قاتارلىق، ئىقتىسادى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان زاكاتقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

پەزىلەتلىك ئەمەللەر - (ئۇيغۇرچە)

«پەزىلەتلىك ئەمەللەر» ناملىق بۇ كىتاپتا ئاپتۇر ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر ئەقىلغا تايانماستىن ؛بەلكى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بەندىنى ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدىغان، ئىنساننىڭ روھى ۋە مەنىۋىيىتىگە ۋاستسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەللەرنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۈشەنچە بېىرىدۇ.

Image

ئىسلام تەلىماتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى - (ئۇيغۇرچە)

«دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلاپ كېتىش، دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش، ئەخلاقى، سىياسى، ئىجتىمائىي، ئائىلە ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە يۇز بىرىۋاتقان زالالەت يوللىرى، خۇددى جەمئىيىتىمىزدە دىنى ھەقىقەتپەرۋەر دەۋەتچى زىيالىلار يوق بولۇپ كەتكىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋەتچىلىك ئىشلىرىدا زور دەرىجىدە چېكىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى....