«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر - (ئۇيغۇرچە)
ئاللاھتىن قورقۇش بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 15/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاللاھتىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى، بارلىق پەيغەمبەرلەر تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتىنى زېمىندا يېيىش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
ئىنتېرنېت ۋە دىنى تەشۋىقات - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە قوللىنىش جەريانى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاقارتىش خىزمىتىگە توھپە قوشۇش ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ دىنى دەۋەتنى مىللەتكە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)
«ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم دەپ قارالغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان، نەدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، قاچان، نەدە ۋاپات بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ دىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان ئەزىيەتلەرگە ئوخشىغان بەزى مۇھىم تارىخى مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.
ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش پەرزەنتلەر ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەت، ناملىق بۇ ماقالە دىنى زىيالىلىرىمىزدىن بولغان،ئابدۇۋاھاب مۇھەممەد، مۇھەممەد مۇسا ئەپەندىملەر تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ماقالىدە ئاتا-ئانىنىڭ پەرەنتلەر ئۇستىگە يۇكلەنگەن مەجبۇرىيىتى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش قاتارلىقلارنى قۇرئان، ھەدىسگە تايانغان ئاساستا ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپلىق يورىتىپ بىرىدۇ. ئەگەر سىز ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىناي دىسىڭىز مانا....
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە....
جەننەتكە چاقىرىق - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا، بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، جەننەتنى قانداق قازىنىش ۋە دوزاختىن قانداق يىراقلىشىش كېرەكلىكى، ئاللاھ ھەرۋاقىت بەندىلىرىنى جەننەتكە چاقىرىدىغانلىقىنى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئىسلامدا ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار - (ئۇيغۇرچە)
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
«ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
گۇناھ-مەئسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەشنىڭ خەتىرى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 12/2/1433ھـ 2012-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەش ۋە باشقىلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ شەخش ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، مۇسۇلمان گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىش ھارپىسىدا ئۆزى ۋە مىللىتى، ئىتىقادىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش - (ئۇيغۇرچە)
ئىمام نامازنى تۇگەتكەندىن كىيىن دۇئا ۋە ئىستىغپار (سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر) زىكىرلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە دېيىشى جائىزمۇ؟

API


