×
Image

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى يازغاندا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپى بىلەن يىزىپ ئىپادىلەشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپىنى يېزىپ ئىپادىلىسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

قۇرئان كەرىمنىڭ مەخلۇق ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئەقلى ۋە نەقلى ئون دەلىل - (ئۇيغۇرچە)

مەن سىلەردىن بىدئەتچىلەرنىڭ شۈبھىلىرىگە بولۇپمۇ قۇرئاننى مەخلۇق دېگەن قارىشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارغا قانداق رەددىيە بېرىش توغرىسىدا، شۇنداقلا بۇ ھەقتە بىدئەتچىلەرگە كەڭ دائىرىدە رەت قايتۇرغان ئىشەنچىلىك كىتابلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە روشەن چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

Image

خەيرىيەت ئورۇنلىرىدا توپلانغان ئىقتىسادقا زاكات پەرز بولمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)

ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قەرزگە ئىھتىياجلىق بولغانلارغا قەرز بېرىش ئۈچۈن خەيرى-ساخاۋەت ساندۇقىغا ئىقتىساد توپلايمىز، ھازىر ساندۇقتا كۆپ ئىقتىساد توپلاندى، بۇنىڭغا زاكات بېرىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

Image

قۇرئان كەرىم ياد ئالدۇرۇش ئورۇنلىرىغا زاكاتتىن بېرىش توغرا بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئاللاھ تائالا خالىسا كىلەر يىلى قۇرئان كەرىم ياد قىلدۇرۇش مەكتىۋى سالىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئوچۇقلاشتۇرۇشنى خالايمەن: 1- مۇشۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئىسلام بانكىلىرىنىڭ بىرىدىن زاكات ماللىرىنى توپلاش ئۈچۈن ھېساب ئاچساق توغرا بولامدۇ؟. 2-مۇشۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ زاكات توپلىسام بولامدۇ؟. 3-زاكات ماللىرى توپلانسا بىز ئۇ ئىقتىسادنى مەكتەپنىڭ ئوقۇش....

Image

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسۇن دەپ دۇئا قىلغانمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مەن 16 ياشقا كىرگەن مۇسلىمە قىز، ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيلەر بولسۇنكى، شىئەلەرنىڭ شەك-شۈبھىلىرىگە رەددىيە بىرەلەيمەن، لىكىن ئۇلار ماڭا مەن رەددىيە بېرەلمەيدىغان بىر ھەدىسنى بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسۇن دەپ بەددۇئا قىلغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد....

Image

شېركەت ھەر يىلى روجىستىۋۇ بايرىمىدا كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

مەن مالايشىيادا قۇرۇلغان ئامېرىكا شېركىتىدە خىزمەت قىلىمەن، ئۇلار ھەر يىلى يىڭى يىل ھارپىسىدا كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇنى روجىستۇۋۇ ھارپىسى زىياپىتى دەپ ئاتايدۇ. گەرچە شۇنداق ئاتىسىمۇ ئەمما بۇ زىياپەتتە ئۆز-ئارا ھەدىيە، سوۋغا ئالماشتۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بايرامغا ئالاقىدار ھېچقانداق پائالىيەت ئىلىپ بېرىلمايدۇ. مۇشۇ زىياپەتكە قاتناشسام توغرا بولامدۇ؟. ئەگەر شېركەت مېنى بۇ زىياپەتنى....

Image

مۇسۇلمان كىشىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار ئورتاق بولغان مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

مەلۇم بىر مەسچىتتە بەزى مۇسۇلمانلاردىن سادىر بولغان ئىشلار مېنى ھەيران قالدۇردى ۋە بۇ مەسىلىنى سورىشىمغا سەۋەپ بولدى: ئۆتكەن ھەپتىدە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار خىرىستىئان ۋەزىر بىلەن بولغان خاس ئۇچرىشىشقا قاتناشتى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەنمۇ شۇ يەردە بولۇپ قالدىم، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بىر ئۇستاز بىلەن ئۈچ ئايال باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى....

Image

ھالىۋىييىن بايرىمى تاتلىق-تۈرۈملىرىنى مۇراسىمدىن باشقا ۋاقىتتا سىتىۋىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

دادام كاپىرلار ھالىۋىيين بايرىمى ئۆتكۈزۈشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بەزى تاتلىق-تۈرۈملەرنى سىتىۋالدى، بۇنى پەقەت بىز ياقتۇرغانلىقىمىز ئۈچۈنلا سىتىۋالدى، چۈنكى ئۇلارمۇ بۇ كۈندە باشقىچە پائالىيەتلەردە بولۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، دىنىمىزدا چەكلىنىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ، بىز مۇشۇ يىمەكلىكلەرنى يىسەك بولامدۇ؟.

Image

رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق - (ئۇيغۇرچە)

بەزى كىشىلەر رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى كىرگەندە: «كىمكى بۇ پەزىلەتلىك ئاي كىرگەندە كىشىلەرنى تەبرىكلىسە، ئۇنىڭغا دوزاخ ھارام قىلىنىدۇ،» دېگەن سۆزنى ھەدىس دەپ بىر-بىرىگە يەتكۈزىدۇ، بۇ سەھىھ ھەدىسمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاينى ئارقىغا سۈرۈش كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر» دېگەن ئايىتىنىڭ مەنىسى - (ئۇيغۇرچە)

تەۋبە سۈرىسى 37- ئايەتتە چەكلەنگەن ئاينى ئارقىغا سۈرۈش دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. ئەرەپ يىرىم ئارىلىدا ئاينى ئارقىغا سۈرۈش چەكلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىش قانداق شەكىلدە بولغان؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

شىيئەلەرنىڭ سەھابىلار رەسۇلۇللاھنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قاتناشمىغان دېگەن دەۋاسى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

شىئەلەر ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا ھازىر بولمىغان دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى توغرىمۇ؟. ئۇ چاغدا ئۇلار قەيەردە بولغان؟، ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىنى كۈچلاندۇرىدىغان بىرەر دەلىل-ئىسپات بارمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئاچچىقلات كىشى رەسۇلۇللاھنى غەزەپلەندۇرگەن بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

راپىزىلارنىڭ بەزىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پاتىمە مېنىڭ بىر پارچەم، ئۇنى غەزەبلەندۈرگەن كىشى مېنى غەزەبلەندۈرگەن بولىدۇ،» دېگەن ھەدىسىنى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى گۇناھتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى غەزەبلەندۈرگەنلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى غەزەبلەندۈرگەنلىكتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى غەزەبلەندۈرگەنلىك ئاللاھ تائالانى غەزەبلەندۈرگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا باتىل ئىش ئۈچۈن غەزەبلەنمەيدۇ، يەنى ئۇ....