كېچىك بالا بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن روزا تۇتتى، رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇش جەريانىدا بالاغەتكە يىتىپ قالدى، ئۇ بالا شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ شۇنىڭدەك، كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ھەيىزدار ئايال ھەيىزدىن پاك بولسا، ساراڭ ئەقلىگە كەلسە، مۇساپىر روزا تۇتمىغان ھالەتتە سەپەردىن قايتىپ كەلسە، روزا تۇتمىغان كېسەل رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ساقايسا، مەزكۇر كىشىلەر شۇ....
بالاغەتكە يەتكەن، روزا تۇتالايدىغان بىر ئادەم رامزاندا روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟، دۇنيادا ئۇ كىشىگە قانداق جازا كېلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
رامىزاندا ئىپتارغا ئالدىراش سۈننەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)
رامزاندا ئىپتار قىلىش پەرزمۇ ياكى سۈننەتمۇ؟، مۇسۇلمان ئىپتار ۋاقتىدا شام نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە كەلگەندە، ئاۋۋال ئىپتار قىلىپ ئاندىن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمدۇ ياكى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىپتار قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئايالى روزا تۇتۇشنى خالىمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)
قېرىندىشىم دىندار بولسىمۇ لېكىن ئايالى دىنى چۈشەنچىسى يوق ئايال، رامىزان ۋە روزىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بىرەر تۇغقانلىرىمىزمۇ يوق، قېرىندىشىم ئايالىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتە بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئايالىغا ھىدايەت تىلەپ، ئۆزگىرىشىنى تىلەپ، بۇ ئىشتا ئۆزىگە سەۋرچانلىق ئاتا قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئايالى ھېچ ئۆزگىرىدىغاندەك....
روزا ئۈچۈن بولغان تەكلىپىي ھۆكۈمنىڭ تۈرلىرى - (ئۇيغۇرچە)
روزىدىكى تەكلىپىي ھۆكۈملەرنىڭ تۈرلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئېتىكاپ قىلىشنىڭ شەرتلىرى - (ئۇيغۇرچە)
ئىېتىكاپنىڭ شەرتلىرى قايسى؟، ئېتىكاپ قىلغاندا روزا تۇتۇش كېرەكمۇ؟، ئېتىكاپ قىلغۇچى كېسەل يوقلىسا، چاقىرغان جايلارغا بارسا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلسا، جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بارسا ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا بارسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلسا بولاۋىرەمدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئېتىكاپ قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئايال كىشى ئۆز ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلسا بولامدۇ؟، تاماق تەييارلايدىغان ئىش بولسا قانداق قىلىدۇ؟، بۇ توغرىدىكى ھۆكۈملەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
مەن ھەرەم مەسچىتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتى ۋە پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىدىن ئىبارەت ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇندىكى بىر ھەدىسنى ئاڭلىدىم، بۇ ھەدىس سەھىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قەدىر كېچىسىنى كۆزى بىلەن كۆرۈش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
قەدىر كېچىسىنى پەقەت كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەكمۇ؟ بەزى كىشىلەر: قەدىر كېچىسىنى كۆرۈشكە قادىر بولغان كىشى ئاسماندا نۇرلارنى كۆرىدۇ دەيدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ساھابىلار قەدىر كېچىسىنى قانداق كۆرگەن؟، ئىنسان ئۆزىنىڭ قەدىر كېچىسىگە نائىل بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟، ئەگەر ئىنسان شۇ كېچىنى كۆزى بىلەن كۆرەلمىسىمۇ قەدىر كېچىسىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشەلەمدۇ؟. بۇ....
مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ بىشىنىڭ يىرىمى ئاغرىيدىغان ئىشقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن رامزاندا روزا تۇتمايدۇ، ئۇنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟. رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇيدىغان دۇئانى ياد قىلىشتىن قىينىلىپ قالدىم، بەزى ۋاقىتتا ئۇ دۇئانىڭ ئورنىغا باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇدۇم. ۋىتىردا قۇنۇت ئوقۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ياد قىلىشقا ئۇرۇندۇم، ناماز ئارىسىدا قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ يېنىمدا قويۇلغان شېرەدىن دۇئا يېزىلغان كىتابچىنى ئىلىپ قاراپ ئوقۇدۇم، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

API
