يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشى توغرا بولامدۇ؟، ئۇلار بايرام ئۆتكۈزۈش مەقسىدى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇنداقلا تەبرىكلەپ قويىدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
دىنى قېرىنداشلار!، مەن تور بەتلىرىدىن مەن بىدئەت دەپ ئويلايدىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى كۆردۈم، بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. ماڭا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىڭلار. مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالدىم. بۇ ئىمام مۇسلىم كەلتۈرگەن 5409-نومۇرلۇق ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازاتگەردىسى....
بەندىلەرنى ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىش بىلەن ئىمتىھان ئۈچۈن يارىتىشنىڭ ئارىسىدا زىتلىق بارمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
ئاللاھ تائالا كىتابىدا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى دېدى، لېكىن بىز قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە بىزنى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتقان دىگەن ئىبارىنىمۇ ئۇچرىتىمىز، بۇ ئىككى سۆز قارمۇ-قارشى ھېسابلانمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جىھادنىڭ ھۆكمى ۋە تۈرلىرى - (ئۇيغۇرچە)
جىھاد قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئۇلار قايسىلار؟. ھازىرقى ئەسىردە قادىر بولالايدىغان ھەربىر كىشىنىڭ جىھاد قېلىشى پەرزمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەلەپىي بىلەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاتالغۇسىنى ئايرىپ چۈشەنگۈچى كىشىلەرگە بولغان قارىشىڭلار قانداق؟. بۇ خىل كۆز قاراشتىكى كىشىلەر پىشقەدەملىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن سەلەپىينى ئەھلى سۈننەتتىن ئايرىم ۋە خاسلىققا ئىگە بىر جامائەت دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.
ئىسلامدا ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
بىر كىشى ھىجابلىنىش ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنىڭغا ئۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ دەپ قارىشى توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
پەرزەنتلىرىمنىڭ نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشىنى خالايمەن، چۈنكى ئۇلار بىر قېتىملىق نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلسا، يەنە بىر قېتىملىق نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلمايدۇ، ئۇلارغا دائىم نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن، جانابى ئاللاھتىن ئۇلارغا ھىدايەت تىلەيمەن. قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ نامازغا قىزىقتۇرالايمەن ۋە قەلبىنى نامازغا باغلىيالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد....
بىر ئاللاھقا ئىبادەت قېلىش، بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئىسلام دىنى بىلەن يەھۇدىيەت ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق، قۇرئان ۋە تەۋراتتىن ئىبارەت ئىككى كىتاب ھەر بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قۇرئان كەرىم تەلىماتلىرى تەۋراتنىڭ تەلىماتلىرىدىن پەرقلىق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
كرېسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مۇسۇلمانلار ئۆيلىرىنى تۈرلۈك شار-بالۇنلار بىلەن زىننەتلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
ئەنگىلىيىدە ياشاۋاتقان بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار، يېڭى يىل كۈنى كەچتە ياكى ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆز ئائىلىسىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بايرام پائالىيىتى ئىلىپ بارىدۇ، ئۇلار، توخۇ كاۋىپى ۋە ئۆزلىرى يېڭى يىل ھارپىسىدا تەييارلاپ ئادەتلەنگەن يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىدۇ، ئۆيلىرىنى رەڭگارەڭ شار-بالۇنلار ۋە رەڭلىك قەغەزلەر بىلەن زىننەتلەيدۇ، (سانتا سىري) نامىدا بىر-بىرىگە يوشۇرۇن سوۋغا تەقدىم قىلىشىدۇ،....
مەن مەۋلۇت پائالىيىتىگە قاتناشمايمەن، ئەمما ئائىلەمدىكى باشقا تۇغقانلار ھەممىسى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ئۇلار: سىز يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدىڭىز، سىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشنى بىلمەيسىز دەيدۇ، ئۇلارغا قانداق نەسىھەت قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنى ياخشى دەپ قارىغانلار، بۇنى شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت دەپ قارايدۇ - (ئۇيغۇرچە)
مېنىڭ بىلىشىمچە، بىدئەت دېگەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشتىن ئىبارەتتۇر. مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ئىبادەت بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىغان ئادەتتىكى بىر پائالىيەت تۇرسا نېمە ئۈچۈن ئۇنى بىدئەت دەپ قارايمىز؟ بەزىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە پەقەت ئىككى بايرامنى يولغا قويدى، ئۇنىڭدىن باشقا بايرام پائالىيەتلىرى يوق دەپ قارايدۇ.....

API
