بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھەج ئۆمەكلىرى ھەجگە مېڭىشتىن ئىلگىرى بەدەل ھەج قىلىدۇرغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا ھەج پائالىيىتى جەريانىدا خىراجەت قىلىدىغان مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد بېرىمىز، بىز ئۈچۈن ھەرەم دىيارىدا بىلىم ئىلىۋاتقان دىنى ئوقۇغۇچىلار ھەج قىلىپ قويىدىكەن، مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بەدەل ھەجنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ قائىدىلىرى - (ئۇيغۇرچە)
قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر - (ئۇيغۇرچە)
بىر جۈمە خۇتبىسىدە خاتىپ: ھەج قىلىشنىڭ دىنىمىزدا پەقەت ئەرلەرگە پەرز قىلىنغانلىقى، ئاياللارنىڭ ھەج قىلىشىنىڭ پەرز ئەمەسلىكى توغرىسىدا سۆزلىدى، بۇ سۆزنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئايەت-ھەدىس بارمۇ؟ ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شەرئى دەلىل - ئىسپات بارمۇ؟.
جۈمە كۈنلىرىنىڭ بىرىدە جۈمە خۇتبىسىدە: ئىمام ھەج قىلىش ئەرلەرگە پەرز، ئاياللارغا پەرز ئەمەس دېدى، بۇ سۆزنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارمۇ؟، ئەگەر بۇ سۆز توغرا بولمىسا، بۇنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىدىغان ئايەت-ھەدىس بولسا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟.
مەن 24 ياشلىق قىز، ھەجگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن بەزى يېقىنلىرىم ماڭا: سەن ھازىر ھەجگە كەتسەڭ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن چوقۇم گۇناھقا چۈشۈپ قالىسەن، چۈنكى بۇ يەردە ناخشا-مۇزىكا، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۈرىدىغان ئىشلار ئادەتكە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەجدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شۇنداق ئورۇنلارغا بارالايمەنمۇ؟، تاغام بىلەن ھەجگە بارسام توغرا بولامدۇ؟.
ئەقىدە كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتى ۋە دالالىتى - (ئۇيغۇرچە)
ئەقىدە كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نېمىدىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
بۇ يىل ھەج قىلمىساممۇ ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىش توغرا بولامدۇ؟. مىسالغا ئالساق: ھەجدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەككىگە كېلىپ ئۆمرە قىلىپ، ھەج قىلماستىن قايتىپ كەتسەم توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
يولدىشى كەمبەغەل بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولسا، ئايالى يولدىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟.
ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىغا قۇربانلىق سېتىۋالسا دۇرۇس بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئايلىق كىرىمى چەكلىك بولغان كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىشى ئۈچۈن كارت تارقىتىپ بېرىدۇ، مەزكۇر كارتىنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئۇلاغ سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى قەرزنى ئادا قىلامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
قەرزدار كىشى ئۈچۈن قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى قەرزنى ئادا قىلىشمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ھېيت كۈنىدە قانداق پائالىيەتلەرنى قىلىش كېرەك ؟ - (ئۇيغۇرچە)
ھېيت كۈنلىرىنى ئائىلىدە قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. (ھېيت كۈنلىرىدە چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارنى قىلماڭلار، ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىدىغان سورۇنلارغا بارماڭلار، كىنوخانىلارغا بارماڭلار..... قاتارلىق ئىشلارنى زىكىر قىلماسلىقىڭلارنى ھۆرمەت بىلەن سورايمەن. چۈنكى بىز بۇ ئىشلارنى قىلمايمىز.) سىلەردىن سورايدىغىنىم: مۆمىنلەر ھېيت كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشىنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللارنى بايان قىلىپ....
ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەردە كەمبەغەل مۇسۇلمانلار بولمىسا، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قانداق تارقىتىدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)
مەن غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، قۇربانلىق قىلىش ئارزۇيۇم بار، مېنىڭ بىلىشىمچە، قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچكە تەقسىم قىلىنىپ، ئۈچتىن بىر قىسمى ئائىلىدىكىلەرگە، ئۈچتىن بىر قىسمى مېھمانلارغا يەنە ئۈچتىن بىر قىسمى كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىكەن، مەن ئوقۇۋاتقان شەھەردە كەمبەغەل مۇسۇلمانلار تېپىلمايدىكەن، بۇ يەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارمۇ قۇربانلىق قىلغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كەمبەغەل....

API
