«ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ » ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە جەڭگىۋار سەھابە جۇندۇ ئىبنى جۇنادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، زاھىتلىق ۋە تەقۋادارلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.
ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ - (ئۇيغۇرچە)
سۇراقە ئىبنى مالىك كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)
«سۇراقە ئىبنى مالىك كىم؟» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر پارىس ئىمپېرىيە پادىشاھىنىڭ تاجىنى كىيىشكە مۇيەسسەر بولغان ھۆرمەتلىك ساھابە سۇراقە ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، ئىسلامغا كېرىشى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ تارتۇقلىنىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن - (ئۇيغۇرچە)
«مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىلمى مۇنازىرىگە چاقىرىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشى، ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىلىشى، ئۆز قەۋمىگە مۆجىزە كۆرسىتىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى ۋە ۋاپاتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ....
سەدىقە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى - (ئۇيغۇرچە)
«سەدىقە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، سەدىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى، سەدىقىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىشتىن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان سەدىقە بېرىشكە دائىر مەلۇماتلارنى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا تايىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ....
مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى - (ئۇيغۇرچە)
«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىۋاتامدۇق-يوق، رەسۇلۇللاھنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدۇق-يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۇستىدە تارىخ ۋە بۈگۈننى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان ئاساستا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش - (ئۇيغۇرچە)
«مۇھەببەتكە مۇھەببەت قىلىش» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى دەپ ئىلان قىلىشى، غازاتلاردا رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىشى، شېھىتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.
ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر - (ئۇيغۇرچە)
«ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىمامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە سەۋرچانلىق، تەقۋادارلىق، راستچىللىق، سېخىلىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىككە ئوخشىغان ئالى جاناب پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شەرئىي بىلىملەرگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، پىقھى ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق تارىختا ئۆچمەس قۇياشقا ئايلىنىشىدەك مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
«ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان خاس مەرھىمىتىنىڭ ئوچۇق نامايەندە بولىشى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق مۆجىزاتلارنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلىشى، ھۆكۈمدە ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياخشى كۆرۈشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
ئىسلام ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى - (ئۇيغۇرچە)
ئىسلام ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى، ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئەزاننىڭ مەناسى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مۇھىم نۇقتىلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا قىزلىرىمىزنى قانداق تەربىيىلەيمىز دېگەن مەزمۇندا ئالاھىدە توختىلىدۇ.
روھى گۈزەللىك - (ئۇيغۇرچە)
سەئدۇل ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ قىسقىغىنا ھېكايىسى بىزگە نىسبەتەن ھېسابسىز ساۋاق، نەسىھەت ئەڭگۈشتەرلىرىگە تولغان قىممەتلىك خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئارىمىزدىن قېنى كىم بۇ ئەڭگۈشتەرلەر بىلەن ئېتىكىنى تولدۇرۇشقا بەل باغلىيالايدۇ؟ ئارىمىزدا قېنى كىم ئىنسان دېگەن سۆزنىڭ ئادەملەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەمەس، بەلكى ئىچكى روھىيەت دۇنياسىغا قارىتىلغانلىقىنى چىن مەنىدىن تونۇپ يېتەلەيدۇ؟
مۇقەددەس ئارمان - (ئۇيغۇرچە)
مۇقەددەس ئارمان، ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇممە ئەممارە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نىڭ ئوھۇد ئۇرۇشى كۆنى پەيغەمبىرىمىزنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى... ھەقىقى مۆمىنە ئاياللارغا خاس جەسۇرانە روھ ئىمانى بۇرچنى نامايەند قىلغانلىقىنى ئۈچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ئىماننىڭ قۇۋۋىتى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىماننىڭ قۇۋۋىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى ئېبرەتلىك ۋەقەلىكنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقىدىن يىراقلاشساق ھېچ قاچان نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقىمىز ۋە شۇنداقلا دۇشمەنلىرىمىزنىڭ ئۇستىدىنمۇ زەپەر قۇچالمايدىغانلىقىمىزنى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى ئىسلام دىنىنى چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت ئېكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.

API
