ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ تۇنىستىن فرانسىيىگە سەپەر قىلىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئايال توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن فرانسىيدە ياشايتتى، ئەگەر ئۇنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمىسا سەپەرنىڭ ھەممىسىدە مەھرىمى ھەمراھ بولىشى كېرەكمۇ؟، ئايالنى يولدىشى ئايدۇرۇمدىن يولغا سىلىپ قويسا، دادىسى يەنە بىر شەھەردە ئايدۇرۇمدا كۈتۈۋالسا بۇ مەھرەملىككە كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە....
بىزگە مەسچىتتە دائىم جامائەتنىڭ ھەممىسى ياقتۇرمايدىغان بىر كىشى ئىماملىققا ئۆتىۋالىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئەگەر مۇشۇ ئادەم ئىمام بولىۋالسا بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇمايمىز دەپ قەسەم قىلدى، ئەتراپتىكى كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ئىمام سەۋەپلىك مەسچىتتە ناماز ئوقۇمايدۇ، بىلىشىمىزچە بۇ كىشى قۇرئاندىن بىر قانچە قىسقا سۈرىلەرنى بىلىدىكەن، نامازغا ئالاقىدار پىقھى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت....
ئەسىر نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كىردىم، ئىمام رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتتى، مەن ئاخىرقى رەكەتنى تېپىش ئۈچۈن جامائەت بار سەپكە كەلمەي تۇرۇپلا رۇكۇ قىلدىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئامېرىكىدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالغان بەزى كىشىلەر قەرز تۆلەش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئۆزى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى بەلگىلەنگەن توختام بويىچە ئۆيگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆينى سېتىش ئۈچۈن بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا كەلگۈسىدىكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ باھا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر....
ئۇزۇندىن بىرى جاۋابىنى تاپالمىغان بىر سوئال مېنى بىئارام قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكى، كىرىسقا مىخلانمىغانلىقى لېكىن خرىستىئانلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مىخلانغانلىقى ئوخشىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن تەبىئىيكى خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مىخلانغان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەلكى ئۇلار شۇنداق ئېتىقادتا بولۇشقا ھەقلىق، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادى، كۆز....
نامازنى مەسچىتتە ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى نېمە؟، شۇنىڭدەك مەسچىتتە ئوقۇش ۋاجىپ دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلىچۇ؟. بۇ ھەقتەچۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا ئۇنىڭغا دۇرۇت-سالام يوللاشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، دەرھال دۇرۇت-سالام يوللىمىسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قىزخانىملارنىڭ ئاياللار ناماز ئوقۇيدىغان جايدا سەپنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇغاندا سەپنى تۈزلەپ، مۈرىنى مۈرىگە باراۋەر قىلىپ، سەپ ئارىسىدىكى بوش ئورۇنلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ، ئۆيۈمگە يېقىن جايدا كېچىكىپرەك نامازغا ھازىر بولدۇم، ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن نامازغا ھازىر بولۇپ تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن يىراق ئارىلىق قويۇپ سەپتىن ئايرىلىپ تۇرۇپتۇ، مەن ئۇلارنى سەپنى تۈزلەپ، بىر-بىرىگە يېقىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلساممۇ....
كىرست بەلگىلىرىنىڭ چەكلەنگەن شەكىللىرى - (ئۇيغۇرچە)
مەن كىرست بەلگىلىرى توغرىسىدا سوئال سورىماقچى، ئۇنىڭ شەكىللىرى قانداق بولىدۇ؟ قوشۇش ۋە كۆپەيتىش بەلگىلىرىمۇ كىرىست بەلگىسى ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ئىش ماڭا ۋە مەندىن باشقا بەزى قېرىنداشلىرىمغا قېيىن بولدى، بۇنىڭغا يېتەرلىك جاۋاپ تاپالمىدۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن، مەن شەرئى بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى، دىنى بىلىملارغا بەك ئەھمىيەت بېرىمەن، لېكىن ئانام ماڭا دائىم، پەننى مەكتەپ دەرسلىرىگە بەڭ ئەھمىيەت بەرگىن، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ۋاقتىدا ئادا قىلغىن دەيدۇ، مەن بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بىرلىكتە ئىلىپ بارالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن بىر يىل بۇرۇن تاغامنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان، لېكىن مەن بۇ توي ئىشىمنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغانلىقىدىن ھەيران، چۈنكى يولدىشىمنىڭ ھەمشىرىسى مېنىڭ ئۇكام بىلەن توي قىلغان، مەن سىلەرنىڭ تور بەتتە بۇ شەكىلدىكى شەرتلىك نىكاھ (شىغار) دېيىلىدۇ، بۇنداق شەكىلدىكى نىكاھ ئىسلامدا چەكلىنىدۇ دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىنى ئوقۇدۇم، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇنداق شەكىلدىكى....
قىز-خانىملار ھەج ۋە ئۆمرە جەريانىدا، ھەرەم مەسجىدىدىن ھاجەتخانىغا بېرىپ-كېلىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرەمنىڭ ئېچىدىكى ئاياللارغا خاس بولغان ئورۇنلاردا تاھارەت يېڭىلاشنى مەقسەت قىلسا قانداق قىلىدۇ؟، گەرچە بۇ ئورۇن ئاياللارغا خاس ئورۇن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئەرلەر ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئىككى قولىنى يۇغاندا بىلەكلىرىنى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ، بېشىغا مەسىھ قىلغاندا پېشانىسى تەرەپكە....