×
Image

ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى - (ئۇيغۇرچە)

ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى ناملىق بۇ كىتاپ ياش دىنى زىيالى ھەدىسشۇناس سەيپىددىن ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ كىتاب ئۆقۇرمەنلەرگە، غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىسلامنىڭ، ئىسلام ئاياللىرىغا تولۇق كىشىلىك ھوقۇقۇنى بەرمىدى دىگەندەك بىرقىسىم توھمەت خاراكتىرلىق كۆز قارىشىنى ئوچۇق بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ پاك ـ دىيانەتلىك،....

Image

كۆڭۈلدىكى مېھمان (تەۋسىيە ئەسەر) - (ئۇيغۇرچە)

«كۆڭۈلدىكى مېھمان» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، رامىزاننىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، روزىنىڭ پايدىسى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدارنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار ۋە روزىغا دائىر ئەھكام قاتارلىقلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

رامىزاندىكى بىر كۈن (تەۋسىيە) - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاندىكى بىر كۈن» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش، كۈندىلىك ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلىپ بېرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا روزىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

Image

ئۆز-ئارا سالاملىشىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا سالاملىشىشنىڭ پەزلى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ بۈيۈك سۈننەتنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، سالاملىشىشنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەدەب-ئەخلاقلىرى، قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان ھەرۋاقىت تەبەسسۇمنى لازىم تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئالاقىسى، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى تاشقى دۇنياسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىدىغانلىقى، ئىچكى دۇنيا ئىنساننىڭ سالىھ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە مۇھىم مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

Image

ئىسلام دىنىنىڭ روھى (تەۋسىيە ئەسەر) - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ....

Image

ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان - (ئۇيغۇرچە)

«ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ئىنسان ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى، مۇسۇلمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە توغرا يۆلىنىش بىلەن مېڭىشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمان ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان ئىنسان ئىكەنلىكى، بىكار تەلەپلىكنى ئاللاھنىڭمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى توغرىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا....

Image

«نۇرچىلار» جامائىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا «نۇرچىلار» جامائىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئېتىقاد ۋە پىكرى كۆز قارىشى، نۇرچىلارنىڭ پىكىر ۋە ئەقىدىسىنىڭ يىلتىزى، جامائەتنىڭ تارقىلىش ۋە تەسىر دائىرىسى قاتارلىق تەپسىلى مەلۇماتلار بىلەن نۇرچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى - (ئۇيغۇرچە)

«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى....

Image

ھەج ۋە ئۆمرە توغرىسىدا دەرسلىك - (ئۇيغۇرچە)

"ھەج ۋە ئۆمرە توغرىسىدا دەرسلىك" ناملىق بۇ فېلىمدا ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار قاتارلىق ھەج ۋە ئۆمرىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۈيغۇن ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.

Image

پەيغەمبەر تىبابىتى - (ئۇيغۇرچە)

«پەيغەمبەر تىبابىتى»ناملىق بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىبابەتكە ئائىت مەيلى قۇرئان ئايەتلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ سوزلىرى بولسۇن، ئۆزى داۋالىغان ۋە دىئاگىنوز قويغان ۋە ياكى داۋالىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن قاتارلىقلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىكى سەھىيە كۆز قاراشلىرى بىلەن ئىلمى ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر - (ئۇيغۇرچە)

مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر»، «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن....