«بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتقانلىقى، ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش،....
بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار - (ئۇيغۇرچە)
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئىنتېرنېت ۋە دىنى تەشۋىقات - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە قوللىنىش جەريانى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاقارتىش خىزمىتىگە توھپە قوشۇش ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ دىنى دەۋەتنى مىللەتكە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.
زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى - (ئۇيغۇرچە)
«زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ لېكسىيە زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى، ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت، زاكاتنىڭ روھ ۋە ئەخلاق، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى، زاكاتنىڭ شەرتلىرى ۋە نىساۋى، زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى، زاكات ئايرىمىغۇچىلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قاتارلىق، ئىقتىسادى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان زاكاتقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 16/5/1431 ھـ 2010-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، بەزى مەسىلىلەرگە يۈزەكى قاراپ بىنورمال پەتىۋالارنى بېرىش دىنى ئەھكاملارغا ئېتىبارسىز قارىغانلىق بولىدىغانلىقى، بىلمەي تۇرۇپ....
گۈزەل ئەخلاق دۇنيا-ئاخىرەت سەئادىتى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 23/5/1431ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئەخلاقلىنىشتا رەسۇلۇللاھنى ئۆلگە قىلىش كېرەكلىكى، مۇسۇلماننىڭ گۈزەل ئەخلاقنى ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈشى دۇنيا-ئاخىرەتتە سائادەتمەن بولىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەرئىي ئىبادەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.
ئىسلام دىنى بىلىم ۋە مائارىپ دىنىدۇر - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 20/9/1430ھـ 2009-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىگەللەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولىدىغان تەسىرى كۈچى، بىلىمنىڭ پەزلى ۋە ئورنى، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ كېلىچەك ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرۇشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن مۇكاپات ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا....
بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)
«بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار - (ئۇيغۇرچە)
«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ14/8/1432ھـ 2011-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلاندۇرۇلغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى ئىمانى تەقەززا ئىكەنلىكى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ھاياتىدىن بەزى ئەخلاقى ئۆرنەكلەر بىلەن چۈشەنچە....
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش - (ئۇيغۇرچە)
ئىمام نامازنى تۇگەتكەندىن كىيىن دۇئا ۋە ئىستىغپار (سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر) زىكىرلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە دېيىشى جائىزمۇ؟