×
مەن بىر ئىسلامى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، مەكتەپتە بىز بىلەن بىرگە دانىيىلىك مۇسۇلمان بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار، بىز ھەر يىلى كىرىسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر زالغا توپلىنىپ زىياپەت ئىلىپ بارىمىز، ھالال نەرسىلەردىن يېمەكنى ئۆزىمىز تەييارلايمىز، سورۇندا ئىچىملىك يوق، بىز كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ زىياپەتنى كىرىسمىس بايرىمىدىن بىر ئاي ياكى كۆپراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئىلىپ بارىمىز، بىز مۇسۇلمانلار يېمەكنى ئۆزىمىز تەييارلاپ مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 كىرىسمىس بايرىمىدىن بىر ئاي كېيىن خرىستىئانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەتكە ھازىر بولۇشنىڭ ھۆكمى

[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەمۇنەججىد

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

2015 - 1436

مشاركة النصارى في اجتماع على طعام بعد الكريسماس بشهر

« باللغة الأويغورية »

فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

مراجعة: نظام الدين تمكيني

2015 – 1436

 كىرىسمىس بايرىمىدىن بىر ئاي كېيىن خرىستىئانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەتكە ھازىر بولۇشنىڭ ھۆكمى

 146678-نومۇرلۇق سوئال

 سوئال:

 مەن بىر ئىسلامى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، مەكتەپتە بىز بىلەن بىرگە دانىيىلىك مۇسۇلمان بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار، بىز ھەر يىلى كىرىسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر زالغا توپلىنىپ زىياپەت ئىلىپ بارىمىز، ھالال نەرسىلەردىن يېمەكنى ئۆزىمىز تەييارلايمىز، سورۇندا ئىچىملىك يوق، بىز كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ زىياپەتنى كىرىسمىس بايرىمىدىن بىر ئاي ياكى كۆپراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئىلىپ بارىمىز، بىز مۇسۇلمانلار يېمەكنى ئۆزىمىز تەييارلاپ مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جاۋاپ:

 بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

 بىرىنچى: ئاللاھ تائالا بىز ئۈچۈن ئەھلى كىتابنىڭ يېمەكلىكىنى، دەۋەت، زىياپەت، ھەدىيە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى ئېھتىياجنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە ئىش كۆرۈشنى دۇرۇس قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ يەھۇدىينىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدىن يېگەن.

 ئەمما ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنى ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ، دوست تۇتۇپ، سىرداش تۇتۇش يولى بىلەن يېيىش توغرا ئەمەس. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَىٰ أَوْلِيَاءَ ۘ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّـهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر - بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ» [سۈرە مائىدە 51-ئايەت].

 ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا بِطَانَةً مِّن دُونِكُمْ لَا يَأْلُونَكُمْ خَبَالًا وَدُّوا مَا عَنِتُّمْ قَدْ بَدَتِ الْبَغْضَاءُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ وَمَا تُخْفِي صُدُورُهُمْ أَكْبَرُ ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى) سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق.» [سۈرە ئال-ئىمران 118-ئايەت].

 شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: "مۇسۇلمان كىشى خرىستىئان بىلەن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا كاپىر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ يېمەك-ئىچمەك يېيىشى چەكلىنەمدۇ؟، ئەگەر چەكلەنسە، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە نېمە دەيمىز: ﴿وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر» دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شەرئى مەنپەئەت ياكى ئادەتتىكى ھاجەت بىلەن كاپىر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ يېمەك يېيىش چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئۆزىگە سىرداش دوست قىلىۋېلىش، سەۋەبسىز ياكى دىنى مەنپەئەتسىز ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ يېمەك يېيىش، ئۈلپەتلىشىش، كۈلكە-چاقچاقلىشىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش، ھەققە تەۋسىيە قىلىش ياكى زۆرۈر بولغاندا مېھمانلار بىرلىكتە يېمەك يېيىش قاتارلىق ئىشلار سەۋەبلىك بولسا دۇرۇس بولىدۇ.

 ئەھلى كىتابنىڭ يېمەكلىكىنى يېيىشنىڭ دۇرۇسلىقى ئۇلارنى سىرداش دوست تۇتۇۋېلىشنى ۋە شەرئى مەنپەئەتسىز ۋە ھاجەتسىز ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سورۇنىغا ھازىر بولۇشنى تەقەززا قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر." تۈگىدى. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى9-توم 329].

 ئىككىنچى: كاپىرلارنىڭ كىرىسمىس بايرىمى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا بايراملىرىدا پائالىيەت ئىلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۇلارنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمەس. بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن 947- ۋە 145950- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

 كاپىرلارنىڭ بايرام كۈنىدە تاماق زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى ئۇلارغا ئايرىم تاماق تەييارلاش قاتارلىق ئىشلار ئۇلارنىڭ بايرىمىنى قوللىغانلىق بولۇپ، بۇ ئۇلار ۋە باشقىلارنىڭ قارىشىدىمۇ مەلۇملۇق ئىش.

 ئەمما بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەت ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بۇ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ، مادامىكى بۇ زىياپەت مۇشرىكلارنىڭ بايرىمىغا ئالاقىدار ياكى بايرام كۈنىدە ئۇلار بىلەن بىرگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەن بولسا ئوخشاشلا ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىش ھارامدۇر.

 شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بايرام كەلىمىسى: كىشىلەر توپلىنىدىغان ھەرقانداق ئورۇن ياكى ۋاقىتنى شۇنداقلا بۇ ئورۇن ياكى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بايراملىرى چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ شۇ ئورۇن ياكى ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن ئىسلامدا ئاساسى بولمىغان يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلىرى چەكلىنىدۇ.

 شۇنىڭدەك بايرامدىن ئىلگىرى-كېيىن ياكى پائالىيەتكە ئالاقىدار ئورۇنلاردا بايرام سەۋەبىدىن قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكمى بايرامنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش. بەزى كىشىلەر ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە: كېلەر ھەپتە ياكى كېلەر ئايدا سىلەرگە مۇنداق زىياپەت قىلىپ بېرەي دەيدۇ، ھەقىقەتەن ئۇ كىشىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ياكى زىياپەتنى قىلىپ بېرىشىگە بايرامنىڭ كېلىشى سەۋەپ بولغان، ئەگەر بايرام بولمىغان بولسا ئۇنداق قىلىپ بەرمەيتتى. مانا بۇمۇ كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشنىڭ تۈرلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىنىڭ بېكىتكەن ھېيت-بايراملىرى بولغان ۋاقىتلاردا ئەھلى-ئاياللىرىغا ياخشىلىق، خەيرى-ئېھساننى كۆپ قىلىش كېرەك، كاپىرلارنىڭ بايراملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن، بايرامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن ئەھلى-ئاياللىرىنى چەكلەش سەۋەبلىك ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن نارازى بولمىسىمۇ مەيلى. كىمكى ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى نارازى قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى رازى قىلىدۇ". [توغرا يولغا ئەگىشىش ناملىق ئەسەر 2-توم 5-6-بەتلەر].

 سۆزنىڭ خۇلاسىسى: يۇقىرىدا سورالغان بايرامدىن كىيىن بىرلىكتە زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ. بۇمۇ خرىستىئانلارنىڭ باتىل بايراملىرىغا قاتناشقانلىق بولۇپ، بۇ زىياپەتكە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك تەييارلىغانلىقىنىڭ ياكى تەييارلاشقا ياردەملەشكەنلىكىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى بۇنداق قىلىش ماھىيەتتە دۇرۇس بولمىغان ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ.

 ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.