شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ۋە چەكلەنگەن ۋەسىلە
كاتوگورىيەلەر
مەنبە
Full Description
شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ۋە چەكلەنگەن ۋەسىلە
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2014 - 1436
التوسل الشرعي والبدعي
« باللغة الأويغورية »
فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
2014 - 1436
شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ۋە چەكلەنگەن ۋەسىلە
3297- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مەن قەبرىدىن ياكى مېيىتتىن يېقىنلىق تىلەپ ئاللاھنىڭ غەيرىگە دۇئا قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن بىرەرسى ماڭا بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان سالىھ-ياخشى كىشىلەردىن دۇئا تەلەپ قىلىمىز، شۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۇنىڭدىن دۇئا تەلەپ قىلساق نېمە ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ؟ دىسە، ئۇ كىشىگە قانداق رەددىيە بېرىمەن؟. توغرا بولغان ۋەسىلە قايسى؟، يوللۇق بولمىغان ۋەسىلە قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
ۋەسىلە سۆزىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى: يېقىنلىشىش دېگەن بولۇپ، بو ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَبْتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ.» [سۈرە ئىسرا 57-ئايەت]. (يەنى ۋەسىلە ئۇلارنى ئاللاھ تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئامىلدۇر).
ۋەسىلە ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى يوللۇق ۋەسىلە يەنە بىرى چەكلىنىدىغان ۋەسىلىدىن ئىبارەتتۇر.
يوللۇق ۋەسىلە دېگىنىمىز: پەرز ياكى ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ بولغان ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى لازىم تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش دېمەكتۇر. ئۇ ئەمەللەر ئاغزاكى بولسۇن ياكى ئەمەلى بولسۇن ياكى ئېتىقادى بولسۇن ئوخشاشتۇر. بۇ ئەمەللەر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە ئېسىل سۈپەتلىرى ئارقىلىق ۋەسىلە قىلىش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.» [سۈرە ئەئراپ 180-ئايەت].
بەندە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم، ئېسىل سۈپەتلىرىدىن ئۆزىنىڭ تەلىپىگە مۇناسىپ بولغانلىرىنى تاللاپ دۇئانى باشلاش كېرەك. ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تەلەپ قىلماقچى بولسا «ئەررەھمان»، مەغپىرەت تەلەپ قىلماقچى بولسا «ئەلغەپۇر» دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى تاللاپ ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئىمان، تەۋھىد ئارقىلىق يېقىنلىشىش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن.» [سۈرە ئال- ئىمران 53-ئايەت].
ئۈچىنچى: قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىش. بەندە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ ئۈمىدلىك ۋە پاكىزە بولغان، ناماز، روزا، قۇرئان تىلاۋىتى، سەدىقە ئېھسان، ئاللاھتىن قورقۇپ ھارام ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتقاندەك ئەمەللىرىنى زىكىر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنىڭ تەلەپ-مەقسىتىنى سورايدۇ. بۇ ھەقتە بۇخارى ۋە مۇسلىمدا غارغا قامىلىپ قالغان ئۈچ كىشىنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان. ئۈچ كىشى يامغۇردا قىلىپ غارغا كىرگەن، شۇ ۋاقىتتا يوغان بىر تاش تاغدىن دومىلاپ چۈشۈپ غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالغان، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئۈمىدلىك ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىپ رەببىگە يالۋۇرغان، ئاخىرىدا تاش پەسكە سېرىلىپ غارنىڭ ئاغزى ئېچىلغان. شۇنىڭدەك ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدا پەقىر ۋە بىچارىلىكنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئىلتىجاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن مېنى قاتتىق كېسەل ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن.» دەپ دۇئا قىلدى. [سۈرە ئەنبىيا 83-ئايەت].
خۇددى يۈنۈس ئەلەيھىسسالام بېلىق قارنىدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغاندەك، ئىنسان ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ھاجىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ۋەسىلە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلتىجاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَن لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنى قارنىدا): پەرۋەردىگارىم سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم، دەپ نىدا قىلدى.» [سۈرە يۈنۈس 87-ئايەت].
بۇ شەكىلدە ۋەسىلە قىلىش يوللۇق بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ ھەر بىر تۈرىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ۋە تەۋھىد بىلەن ۋەسىلە قىلىش ۋاجىب دەپ قارالسا، ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر بىلەن ۋەسىلە قىلىش مۇستەھەپ دەپ قارىلىدۇ.
دىنىمىزدا چەكلەنگەن بىدئەت ۋەسىلىلەر: بۇ ئاللاھ تائالاغا ئۇ ياقتۇرمايدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغان سۆز-ھەركەت، ئىتىقاتلار بىلەن يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مىسالغا ئالساق: ئۆلۈكلەرنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھتىن ھاجىتىنى تىلەش. يوق كىشىلەردىن مەدەت سوراش ۋە ھاجىتىنى تىلەش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلىش بولۇپ، بۇ قىلمىشلار چوڭ شېرىك تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىش سادىر بولغان كىشى مۇۋەھھىد (يەنى ئاللاھنى بىر بىلگۈچى) سانالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلمىشى ئۇنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق دۇئا، مەيلى ئۇ زىياننى دەپئى قىلىشقا ئوخشاش بىر نەرسە سوراش دۇئالىرى بولسۇن ياكى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ناھايىتى خار-بىچارە تۇتۇپ قىلىدىغان ئىبادەت دۇئالىرى بولسۇن، ئۇنىڭ ھېچ بىرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش توغرا ئەمەس. دۇئانى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش بولسا، دۇئادىكى شېرىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت]. ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئۆزىگە دۇئا قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلغانلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ غەيرىگە دۇئا قىلىدۇ ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە دۇئا قىلمىسىمۇ چوڭچىلىق قىلىپ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سوراشنى تەرك قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۆزىگىلا دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار.» [سۈرە ئەئراپ 55-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا دۇئا ۋە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿تَاللَّـهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ . إِذْ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق.» [سۈرە شۇئەرا 97-98-ئايەتلەر].
تائەت-ئىبادەتتە ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلىشنى تەقەززا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شېرىكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّـهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ . وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر (قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.» [سۈرە ئەھقاپ 5-6-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَدْعُ مَعَ اللَّـهِ إِلَـٰهًا آخَرَ لَا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِندَ رَبِّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ.» [سۈرە مۆمىنۇن 117-ئايەت].
يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ غەيرىگە دۇئا ۋە ئىبادەت قىلغان كىشىنى، ئاللاھتىن باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلغانغا ئوخشاش قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِن قِطْمِيرٍ . إِن تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ ۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچكىم) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھدەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.» [سۈرە پاتىر 13-14-ئايەت].
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىبادەتكە ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، كائىناتتا بىردىن بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ۋە ئىشلارنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇلغان مەبۇدلار دۇئا قىلغۇچىنىڭ ھاجەتلىرىنى ئىجابەت قىلىش ئەمەس، بەلكى قىلغان دۇئا-تىلەكلىرىنى ئاڭلاشقىمۇ قادىر ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى ئاڭلايدۇ دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز تىلەكلەرنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ۋە پايدا-زىيان جۈملىسىدىن ھېچ نەرسىگە ئىگىمۇ ئەمەس ۋە بولالمايدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەرەب مۇشرىكلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ دەل دۇئا بولۇپ، ئۇلار قاتتىق مۇشەققەت، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە دىننى خالىس قىلىپ، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا سىغىنىپ دۇئا قىلاتتى. نېمەتكە ئېرىشىپ، كەڭچىلىككە چىققاندا ئاللاھ تائالاغا تۇزكورلۇق قىلاتتى، يەنى ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ غەيرىنى قېتىپ دۇئا قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان-ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا-قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، ناگاھان (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ.» [سۈرە ئەنكەبۇت 65-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَن تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ الْإِنسَانُ كَفُورًا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، ئاللاھ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان ـ ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر).» [سۈرە ئىسرا 67-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ حَتَّىٰ إِذَا كُنتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِم بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنجَيْتَنَا مِنْ هَـٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.» [سۈرە يۈنۈس 22-ئايەت].
بۈگۈنكى كۈندە بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشى ئىلگىركىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىدىن زىيادە بولۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار دۇئا، مەدەت سوراش قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى، ھەتتا ئۇلار قاتتىق قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردىمۇ ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلىدۇ ۋە قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى شېرىكنىڭ پىتنىسىدىن ئامان-ئېسەن قىلسۇن.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىز ھىلىقى كىشىگە رەددىيە بېرىشتە: مېيىتتىن بىر نەرسە سوراش شېرىكتۇر، ھايات كىشىدىنمۇ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىشى بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ شېرىكتۇر، دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.