×
سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلاردا ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ماقالىلارنى ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، بىز 9 كۈن روزا تۇتامدۇق ياكى 10 كۈنمۇ؟ چۈنكى زۇلھەججىنىڭ 10- كۈنى ھېيت بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە(ھېيت كۈنى بىلەن) روزا تۇتۇش ياخشى كۆرۈلەمدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    هل يستحب صيام عشر ذي الحجة بما فيها يوم العيد

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە(ھېيت كۈنى بىلەن) روزا تۇتۇش ياخشى كۆرۈلەمدۇ؟

    41633- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلاردا ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ماقالىلارنى ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، بىز 9 كۈن روزا تۇتامدۇق ياكى 10 كۈنمۇ؟ چۈنكى زۇلھەججىنىڭ 10- كۈنى ھېيت بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    زۇلھەججە ئېيىدا 9 كۈن روزا تۇتۇش ياخشى. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۈنلەر ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈنىدىغان ئەمەل يوق، دېگەندە، ساھابە كىراملار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، ئەمما بىر كىشى ئۆزىنىڭ جىنى ۋە مىلى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىپ قايتمىغان بولسا (يەنى ئۇرۇشتا شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا) بۇ ھەممىدىن ياخشى،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 969-ھەدىس].

    ھۈنەيدە ئىبنى خالىد ئايالىدىن، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىدىكى ئاۋۋالقى 9 كۈن، ئاشۇرا كۈنى، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن يەنى ئاينىڭ ئاۋۋالقى دۈشەنبە كۈنى ۋە كىيىنكى ئىككى پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى،» دېيىلگەن. [ئىمام ئەھمەد 21829-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد2437-ھەدىس. ئىمام زەيلەئى نەسبۇررايە ناملىق ئەسىرى 2-توم 180-بەتتە بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

    ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش كەسكىن چەكلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن.» [بۇخارى 1992-ھەدىس. مۇسلىم-رىۋايىتى 827].

    ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

    بۇ ئون كۈن ئىچىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر باشقا كۈنلەردە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىن ئەۋزەل. ئەمما روزا تۇتۇش پەقەت 9- كۈنىگىچە بولۇپ، 10-كۈنى ھېيت كۈنىدۇر، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرگە ئاساسەن، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى 10 كۈنىدە روزا تۇتۇش دېمەكتىن 9 كۈن مەقسەت قىلىنىدۇ، 10 كۈن دەپ بايان قىلىش بولسا كۆپ قوللىنىش يولىغا ئاساسەن دېيىلگەن. [نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 1176-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.