×
ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن شۇ كۈندىكى تاشنى ئېتىشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولامدۇ ياكى پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىگە كېچىكتۈرۈپ ئۆزى ئاتقىنى ئەۋزەلمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    ھەج جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالسا تاش ئېتىشقا باشقىلارنى ۋەكىل قىلامدۇ ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    مرض يوم العيد فهل يوكل من يرمي عنه أو يؤخر الرمي إلى آخر أيام التشريق؟

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    ھەج جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالسا تاش ئېتىشقا باشقىلارنى ۋەكىل قىلامدۇ ياكى ئاخىرىقى كۈنگە كىچىكتۈرەمدۇ؟

    106588-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن شۇ كۈندىكى تاشنى ئېتىشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولامدۇ ياكى پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىگە كېچىكتۈرۈپ ئۆزى ئاتقىنى ئەۋزەلمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ھەج قىلغۇچىدا ھېيت كۈنىدە ئۇنى تاش ئېتىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ئەھۋال بولسا، تاش ئېتىشقا قادىر بولغۇچە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆگىلەرگە قارىغۇچى ساھابىلارغا (پادىچىلارغا) پائالىيەت جەريانىدا دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۈچۈن، تاش ئېتىشنى بىرەر كۈن كېچىكتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان، ئەمما بىر بىرىڭلارنى ۋەكىل قىلىڭلار دېمىگەن.

    شەيتانغان تاش ئېتىش ھەج پائالىيىتى ئىچىدىكى مۇھىم ئىبادەتلەردىن بولۇپ، ھەج قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى شەيتانغا تاش ئېتىشقا ۋەكىل قىلىشى يەڭگىل سانايدىغان ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـه﴾ تەرجىمىسى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار.» [سۈرە بەقەرە 196-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ھەج قىلغۇچىنىڭ چارچاشنى ياكى قىستاڭچىلىقنى باھانە قىلىپلا تاش ئېتىشقا باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىشى توغرا ئەمەس. ئەگەر ھامىلدارلىق ياكى ياشانغانلىق سەۋەپلىك داۋاملىشىۋاتقان چارچاش بولسا، مانا بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ شەيتانغا تاش ئېتىشتا باشقىلارنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ. ئەمما يەڭگىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان (يەنى ئازراق چارچاش ياكى باش ئاغرىش، زۇكام) ۋە ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنىگىچە ساقىيىشى ئۈمىد قلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تاش ئېتىشقا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 23-توم 115-بەت].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.