×
مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇنى قۇرئاننى ياد ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىمەن ۋە قۇرئان يادلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ماددى بويۇم بىلەن مۇكاپاتلىسام، ئۇ قىلمىشىم ئۈچۈن ماڭا ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    دوستىنى قۇرئان يادلاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    يكافئ صديقه ويشجعه على حفظ القرآن

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    دوستىنى قۇرئان يادلاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ

    82219-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇنى قۇرئاننى ياد ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىمەن ۋە قۇرئان يادلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ماددى بويۇم بىلەن مۇكاپاتلىسام، ئۇ قىلمىشىم ئۈچۈن ماڭا ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    قۇرئان كەرىمنى ياد ئىلىش، ئۇنى تەكرارلاش ۋە تىلاۋەت قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇش قاتارلىق ئىشلار ئىنساننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ بۈيۈك ئەمەللەردىن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپنى ئوقۇش ئون ياخشىلىققا باراۋەردۇر.

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بۇ ياخشىلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر ئەجىر بېرىلىدۇ، مەن: ئەلىف لام مىمنى بىر ھەرپ ھېسابلىمايمەن، چۈنكى ئەلىف بىر ھەرىپتۇر، لام بىر ھەرپتۇر ۋە مىم بىر ھەرپتۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2910-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئەبى ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قۇرئان ئوقۇڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ قىيامەت كۈنى ئۆزىنى تىلاۋەت قىلغان كىشىلەرگە شاپائەت قىلغان ھالەتتە كېلىدۇ. بەقەرە سۈرىسى بىلەن ئال- ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، ھەقىقەتەن بۇ ئىككى سۈرە قىيامەت كۈنى ئىككى بۇلۇت ياكى ئىككى قانىتىنى كەرىگەن قۇشتەك كېلىدۇ ۋە ئۇ ئۆزىنى تىلاۋەت قىلغان كىشىلەرنى ئاقلايدۇ. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش بەرىكەت، ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى تەرك قىلىش ھەسىرەتتۇر. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) سېھرى تەسىر قىلمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 804-ھەدىس].

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ياشىغان قارىغا: قۇرئاننى خۇددى دۇنيادا چىرايلىق ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ ۋە ئۆرلە. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ مەرتىبەڭ سەن تىلاۋەتتىن توختىغان ئايەتكە قەدەر بولىدۇ، دېيىلىدۇ.» [شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 5-توم 281-بەت، 2240-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ: "ھەدىستىكى «قۇرئان ياد ئالغۈچى كىشى» دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت، قۇرئان كەرىمنى يادقا ئوقۇغان كىشى دېمەكتۇر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «قۇرئان كەرىمدىن كۆپرەك سۈرىلەرنى ياد قىلغان كىشى جامائەتكە ئىمام بولسۇن،» دېگەن. جەننەتتە دەرىجىلەرنىڭ پەرقلىق بولىشى، بەزىلەر چۈشەنگەندەك قۇرئان تىلاۋىتىنى كۆپ قىلغانلىق ھېسابى بويىچە ئەمەس، بەلكى دۇنيادا ياد قىلغان ئايەتلەرنىڭ ھېسابى بويىچە بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بولىدىغان پەزىلەتلەر ئوچۇق بايان قىلىنغان بولسىمۇ بۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى، ئۇ كىشى قۇرئان كەرىمنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياد قىلغان بولىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ دۇنيا مەنپەئەتى ۋە مال-دۇنيا توپلاشنى مەقسەت قىلمىغان بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مېنىڭ ئۈممىتىم ئېچىدىكى مۇناپىقلارنىڭ كۆپچىلىكى قۇرئان ياد قىلغۇچى قارىلاردۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا چۈشۈپ قالىدۇ". شەيخ ئەلبانىينىڭ سۆزى تۈگىدى.

    ئىككىنچى: قۇرئان ياد قىلغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن، ئۇلارنى قۇرئان ياد ئىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، مۇكاپاتلىغان، قۇرئان يادلاشقا شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن ۋە باشقا جەھەتلەردە يار-يۆلەكتە بولغان كىشىلەر كاتتا ياخشىلىق ئۈستىدە بولغان بولۇپ، ئۇلارغىمۇ قۇرئان ياد قىلغۇچىلارغا بېرىلگەنگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىشى ئۈمىت قېلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنى ھىدايەت يولىغا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن توغرا يولغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ساۋابىغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى2674 -ھەدىس].

    يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنى ياخشىلىققا باشلايدىكەن، ئۇ كىشى ئەجىر-ساۋاپتا شۇ ياخشى ئىشنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1893-ھەدىس].

    يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ياخشى ئىشقا يېتەكلىگۈچى شۇ ياخشى ئىشنى قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2670-ھەدىس].

    بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

    ئاللاھ تائالا سىزنىڭ قىلغان شۇ ياخشى ئەمەلىڭىزگە كۆپ ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلسۇن. سىزنى يەنىمۇ كۆپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. سىزنىڭ شۇ دوستىڭىزنىمۇ قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.