×
سىڭلىمنىڭ يولدىشى كۆپ ئىش قىلمايدىغان، بېخىل، ئائىلە-بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرمەيدىغان بىر كىشى. سىڭلىم مەمۇرىي كادىر بولۇپ، ئائىلىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۇ قىلىدۇ. سىڭلىم ھازىر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دىپلومغا ئېرىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەگەر دىپلوم ئالالمىسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زاكىتىمنى سىڭلىمغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    زاكاتنى دۇنيالىق (ياكى پەننى) بىلىم ئىلىۋاتقان ئوقۇغۇچلارغا بېرىش توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    دفع الزكاة لطالب العلم الدنيوي

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    زاكاتنى دۇنيالىق (ياكى پەننى) بىلىم ئىلىۋاتقان ئوقۇغۇچلارغا بېرىش توغرىسىدا

    95418- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    سىڭلىمنىڭ يولدىشى كۆپ ئىش قىلمايدىغان، بېخىل، ئائىلە-بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرمەيدىغان بىر كىشى. سىڭلىم مەمۇرىي كادىر بولۇپ، ئائىلىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۇ قىلىدۇ. سىڭلىم ھازىر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دىپلومغا ئېرىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەگەر دىپلوم ئالالمىسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زاكىتىمنى سىڭلىمغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    زاكاتنى ئوقۇش خىراجىتىدىن قىسىلىپ قالغان پەننى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. يەنى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇۋاتقان كەسپى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان توغرا كەسىپ بولسا، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، دىپلوم ئىلىپ، بىرەر خىزمەت تېپىۋالغۇچە قەدەر زاكاتتىن بەرسە بولىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا، ئىنسان بىرەر خىزمەت تېپىپ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شاھادەت ئىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

    ئىمام مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىنساف" ناملىق ئەسىرى 3-توم 218- بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شەيخ تەقىييىددىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتى ئۈچۈن بىلىش زۆرۈر بولغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن باشقىلار بەرگەن زاكاتنى ئىلىپ، بىلىم ئىلىش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئوقۇش قوراللىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، دېگەن قاراشنى تاللىغان." بۇ توغرا قاراشتۇر. تۈگىدى.

    خۇلاسە: يۇقىرىقى قاراشلارغا ئاساسەن، سىز سىڭلىڭىزغا زاكىتىڭىزدىن بەرسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.