ئاشقازاننى ئاپارات ئارقىلىق تەكشۈرتۈش روزىنى بۇزامدۇ؟
بۇ ھۆججەت تەرجىمە قىلىنغان
كاتوگورىيەلەر
Full Description
124205-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
ئاشقازاننى ئاپارات ئارقىلىق تەكشۈرتۈش روزىنى بۇزامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
ئاشقازاننى ئاپارات ئارقىلىق تەكشۈترۈش بولسا، ئېغىز ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىدىغان تىببى ئۈسكۈنىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازاننى سۈرەتكە ئالىدۇ ياكى ئاشقازاندىن مەلۇم بىر نەرسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋەياكى باشقا تىببى سەۋەبلەر ئۈچۈن مەزكۇر ئاپاراتنى ئاشقازانغا كىرگۈزىدۇ. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئۈسكىنىنى يەنە كاناي يولى ئارقىلىق چىقىرىۋالىدۇ.
ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا، ئاشقازانغا بىر نەرسە كىرسە يەنى يېمەكلىك ياكى باشقا نەرسىلەر بولسۇن ئوخشاشلا روزا بۇزۇلامدۇ؟ ياكى پەقەت يېمەكلىك تۈرىدىكى نەرسىلەر كىرسە بۇزۇلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىدۇ.
مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىپىدىن ئىبارەت بولغان ئۈچ مەزھەپ پېشۋالىرى ئاشقازانغا ھەرقانداق نەرسە كىرسە روزا بۇزۇلىدۇ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ كۆزقارىشىغا ئاساسلانغاندا ئاشقازانغا تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزۈش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ.
ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى يۇقىرىدىكى ئۈچ مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئاشقازانغا ھەرقانداق نەرسە كىرسە روزا بۇزۇلىدۇ دېگەن قارىشىغا مۇۋاپىق كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاشقازانغا كىرگەن نەرسە ئاشقازاندا قالسا روزا بۇزۇلىدۇ ئەمما ئاشقازاندا قالمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ، كىرگەن نەرسىنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇپ قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ.
ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ قارىشى بويىچە، رامىزاندا ئاشقازانغا تەكشۈرۈش ئۈسكىنى كىرگۈزۈش روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى مەزكۇر ئاپارات ئاشقازاندا قالمايدۇ، بەلكى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چىقىرىۋېلىنىدۇ. [تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن: زەيلەئىينىڭ "تەبيىنۇل ھەقائىق" ناملىق ئەسىرى1-توم326-بەت، "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم317-بەت، "شەرھۇل كەبىر" 7-توم410-بەت، "شەرھى مۇنتەھا ئەلئىرادات" ناملىق ئەسەر 1-توم448-بەت، "بىدايەتۇل مۇجتەھىد" 2-توم153-بەتلەردىكى مەلۇماتلارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ: "بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان نەرسە ئاشقازانغا كىرگۈزۈلسە روزا بۇزۇلىدۇ ئەمما يېمەكلىك دائىرسىدىكى نەرسە بولمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن قاراشنى كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى يېمەكلىك دائىرىسىگە كىرمەيدىغان نەرسىنى مەسىلەن تاش- مەرۋايىت قاتارلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالسا ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ". تۈگىدى. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسىرى 20-توم 528-بەت].
يۇقىرىقى قاراشقا ئاساسەن، ئاشقازانغا تەكشۈرۈش ئاپاراتى كىرگۈزۈش روزىنى بۇزمايدۇ، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. چۈنكى قۇرئان-ھەدىستىكى بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەت-ھەدىسلەر روزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىلەن بۇزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ﴾ تەرجىمىسى: «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار،» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
تەكشۈرۈش ئاپاراتى يېمەك-ئىچمەك دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئىنسان جىسمى بۇ نەرسىدىن ھېچ مەنپەئەت ھاسىل قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ. لېكىن مەزكۇر تەكشۈرۈش ئاپاراتىنى ئاشقازانغا كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈستىگە بەزى مايلىق ماددىلارنى سۈركىسە ياكى ئاپىراتنىڭ ئاشقازاننى سۈرەتكە ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇلارنى يوق قېلىشقا پايدىلىق بولغان بەزى ماددىلارنى قويسا، بۇ ماددىلارنىڭ روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاشقازىنىغا يىتىپ بېرىشى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئىنسان جىسمى بۇ ماددىلارنى سۈمۈرۈپ غىزالىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھۆكمى يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بويىچە ئاشقازانغا يەتكەن ھەرقانداق نەرسە روزىنى بۇزىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاشقازىنىغا ئاپارات كىرگۈزۈلسە، ئاپارات ئاشقازانغا يەتكەن ھامان ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ".(بۇ ھەنبەلى مەزھەپ قارىشى). ["شەرھۇل مۇمتىئ ناملىق ئەسىرى" 6-توم 370-371-بەتلەر].
توغرا قاراشتا تەكشۈرۈش ئاپىراتىنى ئاشقازانغا كىرگۈزۈشتە ئۇنىڭغا مايلىق ياكى باشقا ماددىلار سۈركەلمىگەن بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىلار سۈركەلگەن بولسا ئاپارات ئۈسكىنى ئاشقازانغا يېتىش بىلەنلا روزا بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جىددى ئەھۋال بولمىسا رامىزان روزىسى تۇتىۋاتقاندا كۈندۈزدە ئاشقازان تەكشۈرۈش ئاپاراتىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.
"ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارىدا" مۇنداق بايان قىلىنغان: تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ... ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىدىغان تەكشۈرۈش ئاپاراتىغا ئەگەر سۇيۇقلۇق ماددىلار يىپىشتۇرۇلمىغان بولسا بۇنىڭ ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىشى بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ" تۈگىدى. ["ئاكادېمىيە ژۇرنىلى"(10\2\453-455-بەت)].
سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىدىغان تەكشۈرۈش ئاپاراتىغا باشقا ماددىلار يىپىشتۇرۇلمىغان ھالەتتە ئاشقازانغا كىرگۈزۈلسە روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا باشقا ماددىلار يېپىشتۇرۇلسا ئۈسكۈنە ئاشقازانغا يېتىشى بىلەنلا روزا بۇزۇلىدۇ.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن د. ئەھمەد خەلىلنىڭ "ھازىرقى زامان روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلىرى" ناملىق ئەسىرىنىڭ 39-46-بەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.