×
مەن قېيىن بىر ئەھۋالدا قالدىم، مەن ھەممىگە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان بىر ياش ئىدىم، شۇنداقلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قۇرلارنى يېزىشىمنى ئەسلا خىيال قىلىپ باقمىغان ئېدىم. مەن ھازىر خۇددى كۆزۈم پەردىلەنگەندەك كەيپىياتىمنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بىر ھالەتتە، ئىشنى قەيەردىن باشلايمەن؟، مېنىڭ پىسخولوگىيە ھالىتىم ئىنتايىن ناچار، شۇنداقلا ھازىرغىچە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ كېلىۋاتىمەن، داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇنىڭدىن كىيىن دورىغا ئادەتلىنىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىقتىسادتىن ئايرىلدىم، ھازىر گەپ چۈشەنمەيدىغان ھالەتكە كەلدىم. ئاتا-ئانامغا بولغان ئۆچلۈكۈم كۈچەيدى، ھازىر پەقەت ھاجەتخانىغا چېقىش ئۈچۈنلا ھۇجرامدىن چىقىمەن، باشقا ۋاقىتتا چىقمايمەن، كۆپ ئۇخلايمەن، ياخشىراق ئويلىنىشقا قادىر بولالمايمەن، ھەر ئىشتا ئىككىلىنىمەن، ھەتتا دۇنيالىق ھەق-ھوقۇقلىرىمنى ئادا قىلىشقىمۇ قادىر بولالمايمەن. بۇ ھەقتە ماڭا نەسىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغۇچىغا قانداق نەسىھەت قىلىشىمىز كېرەك؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2014 - 1435

    كان شابّاً طموحاً ثم صار مدمن مخدرات فما توجيهنا له ؟

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغۇچىغا قانداق نەسىھەت قىلىشىمىز كېرەك؟

    175269-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مەن قېيىن بىر ئەھۋالدا قالدىم، مەن ھەممىگە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان بىر ياش ئىدىم، شۇنداقلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قۇرلارنى يېزىشىمنى ئەسلا خىيال قىلىپ باقمىغان ئېدىم. مەن ھازىر خۇددى كۆزۈم پەردىلەنگەندەك كەيپىياتىمنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بىر ھالەتتە، ئىشنى قەيەردىن باشلايمەن؟، مېنىڭ پىسخولوگىيە ھالىتىم ئىنتايىن ناچار، شۇنداقلا ھازىرغىچە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ كېلىۋاتىمەن، داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇنىڭدىن كىيىن دورىغا ئادەتلىنىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىقتىسادتىن ئايرىلدىم، ھازىر گەپ چۈشەنمەيدىغان ھالەتكە كەلدىم. ئاتا-ئانامغا بولغان ئۆچلۈكۈم كۈچەيدى، ھازىر پەقەت ھاجەتخانىغا چېقىش ئۈچۈنلا ھۇجرامدىن چىقىمەن، باشقا ۋاقىتتا چىقمايمەن، كۆپ ئۇخلايمەن، ياخشىراق ئويلىنىشقا قادىر بولالمايمەن، ھەر ئىشتا ئىككىلىنىمەن، ھەتتا دۇنيالىق ھەق-ھوقۇقلىرىمنى ئادا قىلىشقىمۇ قادىر بولالمايمەن. بۇ ھەقتە ماڭا نەسىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاب:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    ئازغۇنلۇق ۋە گۇناھ-مەسىيەت يوللىرى روشەن بولغىنىدەك، ھىدايەت ۋە ئىماننىڭ يوللىرىمۇ ئوپ-ئوچۇقتۇر. لېكىن بىز ئادەتتە ھىدايەت يولىدا ماڭىدىغان ئىرادىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. ھەممەيلەن خاتالىق سادىر قىلغۇچى، خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر.

    قېرىندىشىم! سىز ئاللاھقا سەمىمى تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ياش تۆكۈپ قىلمىشىڭىزغا پۇشايمان قېلىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّـهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ.» [سۈرە تەھرىيم 8-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.» [سۈرە نۇر 31-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراپ ئىستىغپار ئېيتىش بارلىق مۆمىنلەرگە ئومۇمى چاقىرىقتۇر.

    قېرىندىشىم! ئاللاھ تائالا ئۆزىگە دۇئا قىلغان بەندىلىرىنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ، قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ دات-پەريادلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سىنايدۇ، ئىمتىھان قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ، غەم-قايغۇلىرىنى يوق قىلىدۇ. تەۋبىنىڭ ئىشىكى كەڭرى ۋە ئوچۇقتۇر، تەۋبە قېلىشقا ئالدىراڭ، مېنىڭ گۇناھىم چوڭ دەپ ئويلاپ ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراشتىن چېكىنمەڭ!. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، كەچۈرۈم قىلىشى، زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھىدىن كاتتا ۋە بۈيۈكتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى غەزىپىدىن ئىلگىرىدۇر.

    بىز تۆۋەندە بايان قىلىدىغان ھەدىس سىزدە تەۋبە قىلىشقا بولغان ئۈمىدلەرنى قوزغىتىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشىڭىز ئۈچۈن ھەيدەكچى بولغۇسى!.

    ئەبى سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى قەۋملەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سورىدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى بىر راھىبنىڭ يېنىغا باشلاپ قويىدۇ. ئۇ راھىبتىن مەن 99 كىشىنى ئۆلتۈردۈم، ئەمدى مېنىڭ تەۋبە قىلىشىمغا يول بارمۇ؟ دەپ سورىسا، ئۇ راھىب: ياق دەپدۇ. ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ سانىنى يۈزگە يەتكۈزدى. ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سورايدۇ. كىشىلەر ئۇنى بىر ئالىم كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ قويىدۇ. مەن 100 ئادەمنى ئۆلتۈردۈم مېنىڭ تەۋبە قىلىشىمغا يول بارمۇ؟ دەيدۇ. ئالىم: ھەئە بار، سەن بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى كىم توسۇپ قالالايدۇ. سەن پالانى شەھەرگە بارغىن. ئۇ شەھەردىكى كىشىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدۇ، سەنمۇ شۇ كىشىلەر بىلەن ئىبادەت قىلغىن، يۇرتۇڭغا ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمىگىن. بۇ يەر يامان جايدۇر، دەيدۇ. ئۇ كىشى ئالىم ئېيتقان شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇ كىشىنىڭ ئەجىلى توشۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈستىدە رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى تالىشىپ قالىدۇ-دە، رەھمەت پەرىشتىلىرى: ئۇ تەۋبە قىلغان، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ھالدا كەلدى، دەيدۇ. ئازاب پەرىشتىلىرى: ئۇ پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ باقمىغان، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر پەرىشتە ئادەم سۈرىتىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئۇلار ئۇنى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلىپتۇ. ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا: سىلەر ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەڭلار، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆلچەپ ئۇ كىشىنىڭ قاراپ ماڭغان شەھەرگە (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار شەھەر) يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىسى ئاپتۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2766-ھەدىس].

    ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ كاتتىلىقىغا قاراڭ!، 100 ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. تەۋبىنىڭ شەرتلىرىدىن: ئىلگىرىكى گۇناھلارنى قايتا سادىر قىلماسلىققا كەسكىن ئىرادە قىلىش بىلەن بىرگە قەتئى نىيەت قىلىش كېرەك.

    سىز ناچار-ئەخلاقسىز ھەمراھلىرىڭىزدىن، شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئەسلىتىدىغان بارلىق ئىشلاردىن يىراقلىشىڭ، ۋاقتىڭىزنى سىزگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىش-ھەرىكەت ۋە دەرىسلەر بىلەن مەشغۇل قىلىڭ، ئىنتىلىشىڭىز ئاشىدۇ، سىز ياشلىق دەۋرىدە تۇرۇۋاتىسىز، قىيامەت كۈنى ۋاقتىڭىز، ياشلىقىڭىز ۋە مال-مۈلكىڭىز توغرىسىدا سۇئال قىلىنىسىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئىنسان دۇنيادا ئۆمرىنى نېمە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى؟، ئىلىم ئۈگىنىپ نېمە ئەمەللەرنى قىلدى؟، مال-دۇنيانى قايسى يول بىلەن تاپتى ۋە قايسى يوللارغا سەرپ قىلدى؟، جىسمى ۋە بەدىنىنى نېمە ئۈچۈن قوللاندى؟ دېگەن سوئاللار سورالمىغىچە بەندىنىڭ پۇتلىرى قىمىرلىتىلمايدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى2417-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    زەھەرلىك چېكىملىك بالا-مۇسىبەتنىڭ بىشى، نىجىس-خەبىسلىكنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇ ئىنساننى ھالاكەتكە يېتەكلەيدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىنسان زەھەرلىك چېكىملىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى سېتىۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن زەھەرلىك چېكىملىك سىزنى ئاتا-ئانىڭىزغا ناچار مۇئامىلە قىلىشقا ئىلىپ بېرىپتۇ، بۇ چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچى، زەھەرلىك چېكىملىك سىزنىڭ مال-مۈلكىڭىزنى كەتكۈزدى، پىكىر قابىلىيىتىڭىزنى يوق قىلىپ، مۈگىدەپ يۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.

    سىز روھى ۋە جىسمانى تەرەپلەردىن داۋالىنىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ يېنىغا تەكرار-تەكرار بېرىپ كۆرۈنۈڭ. زەھەرلىك چېكىملىكنى تەرك قىلغاننىڭ دەرت-ئەلەملىرىگە سەبىر قىلىڭ. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پات پۇرسەتتە بۇنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى كۆرىسىز.

    ئاللاھ تائالادىن سىزنى سەمىمى تەۋبىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى، بۈ كېسەللىكتىن قۇتقۇزىشىنى، گۇناھلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىپ توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.