×
مەندە ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئازراق گۇمان بار، ماڭا ئۇنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بەرسەڭلار؟. ئىسلام دىنى باشقا دىندىكى كىشىلەرگە قانداق قارايدۇ؟، مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئىسلام دىنىغا ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار ھېسابلىنامدۇ؟، مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا ئەگەشمەستىنلا جەننەتكە كىرىشى مۇمكىنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئىسلام دىنىنىڭ باشقا دىنلارغا بولغان قارىشى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1435

    موقف الإسلام من الديانات الأخرى

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1435

    ئىسلام دىنىنىڭ باشقا دىنلارغا بولغان قارىشى

    21534-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مەندە ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئازراق گۇمان بار، ماڭا ئۇنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بەرسەڭلار؟. ئىسلام دىنى باشقا دىندىكى كىشىلەرگە قانداق قارايدۇ؟، مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئىسلام دىنىغا ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار ھېسابلىنامدۇ؟، مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا ئەگەشمەستىنلا جەننەتكە كىرىشى مۇمكىنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    ئىسلام دىنىنىڭ باشقا دىنلار توغرىسىدىكى ھۆكمى: ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن باشقا دىنلار خۇددى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەبلەرنىڭ بۇت ۋە تاشلارغا چوقۇنغىنىغا ئوخشاش باتىل ھېسابلىنىدۇ ياكى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالىدۇ.

    ئىلگىرىكى دىنلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا كەلسەك؛ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى توغرا دىندۇر. چۈنكى ئۇ دىننىڭ ئەسلى ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەندىن كېيىن مەزكۇر دىنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئىسلام دىنى بىلەن ئىلگىرىكى باشقا دىنلار ئارىسىدا ئاللاھنى تونۇش، پەرىشتىلەر، جەننەت-دوزاخقا ئىشىنىش قاتارلىق ئەسلى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ يوقتۇر، چۈنكى بۇ مەسىلىلەر بارلىق پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەندۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوخشاشماسلىق ئىبادەت پرىنسىپلىرى ۋە ناماز، روزا، ھەج، زاكات قاتارلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش مەسىلىسىدۇر. گەرچە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كېيىنكى دەۋرىدە دىنى ئىتىقاد پرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دەرىجىسىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئىسلام دىنى ئۇ ئەقىدىلەرنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىپ ئىنسانلارنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن ئەسلى ساغلام توغرا ئەقىدىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

    ئەبى دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەۋراتنىڭ توپلانغان ۋاراقلىرىنى ئىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن بۇ تەۋراتنىڭ ۋاراقلىرىنى بەنىي زۇرەيق قەبىلىسىدىن بولغان قېرىندىشىمدىن ئالدىم دېۋىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى ئۆزگەردى، ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ئەقلىڭ نەگە كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايىغا قارىمامسەن؟ دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، دىنىمىزنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، يول باشچىمىزنىڭ قۇرئان ئىكەنلىكىگە رازى بولدۇق دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى ئىچىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇھەممەدنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇسا ئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغان بولسا، ئاندىن سىلەرنى مېنى تاشلاپ مۇساغا ئەگەشكەن بولساڭلار ئەلۋەتتە توغرا يۆلىنىشتىن بەك يىراقلاپ كەتكەن بولاتتىڭلار، مەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلدىم، سىلەر بارلىق ئۈممەتلەر ئارىسىدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشتىڭلار.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15437-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى يۇقىرىدىكى ھەدىسنى كۈچلاندۇرىدۇ: ﴿وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ تەرجىمىسى:«كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.» [سۈرە ئال-ئىمران 85-ئايەت].

    ئىمام تەبەرىي بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ئىتىقاد قېلىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ غەيرىنى دىن دەپ تاللايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ دىنىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇ كىشى ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئېرىشىدىغان نېسىۋىسىنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىگە تىگىشىۋەتكەن بولىدۇ." [تەپسىر تەبەرىي 3-توم 339-بەت].

    ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىگىلا قارىماستىن، بەلكى يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك ئۇلارنىڭ دوزاختا ئەبەدىي قالىدىغان كاپىرلاردىن ئىكەنلىكىگە قارايدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە ئەبەدىي قالىدۇ. كاپىرنىڭ ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز.» [سۈرە ئەئراپ 40-ئايەت].

    بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىي-ناسارالىرىدىن مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگىنىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن مەن ئارقىلىق كەلگەن دىنغا ئىمان ئېيتمىغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئاللاھ تائالا باشقا دىيانەت ئەھلىنىڭ، دەستۇرى قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان ئىسلام دىنىغا چوڭقۇر نەزەر تاشلاپ، ھەقىقەت توغرىسىدا ئىزدەنگۈچىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى ۋە قەلبلىرىنى ئىسلامغا ئېچىۋېتىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.