×
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىراج كېچىسىدە جەننەت، دوزاختىن ئىبارەت نۇرغۇن غەيبى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە نائىل بولغان شۇ جەرياندا ئاللاھ تائالانىمۇ بىۋاستە كۆرگەنمۇ؟، ئەگەر كۆرگەن دېيىلسە، بۇ مەسىلىنى قۇرئان-ھەدىس بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

    مىراج كېچىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنى كۆرگەنمۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    هل رأى النبي ﷺ ربه ليلة المعراج

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    مىراج كېچىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنى كۆرگەنمۇ؟

    12423- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىراج كېچىسىدە جەننەت، دوزاختىن ئىبارەت نۇرغۇن غەيبى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە نائىل بولغان شۇ جەرياندا ئاللاھ تائالانىمۇ بىۋاستە كۆرگەنمۇ؟، ئەگەر كۆرگەن دېيىلسە، بۇ مەسىلىنى قۇرئان-ھەدىس بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    كۆپچىلىك ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مىراج كېچىسىدە ئاللاھ تائالانى بىۋاستە كۆرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قېلىنغان ھەدىستە: «كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالانى كۆردى دېسە، ھەقىقەتتە يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ» دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: ﴿لَّا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ ۖ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ﴾ تەرجىمسى: «كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» دېيىلگەن. [بۇخارىي رىۋىيىتى 6832- ھەدىس].

    ئەبىي زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مىراج كېچىسىدە ئاللاھ تائالانى كۆردىلىمۇ؟ دەپ سورىغانتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن پەقەت نۇرنى كۆردۈم دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى261-ھەدىس].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى) ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى» دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى قەلبى بىلەن ئىككى قېتىم كۆردى» دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 258-ھەدىس].

    ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئوسمان ئىبنى سەئىد ئەددارىمىي «رۇئيا» ناملىق ئەسىرىدە ساھابىلارنىڭ مىراج كېچىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرمىگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. بەزىلەر ئىبنى ئابباستىن باشقىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. شەيخ ئىبنى تەيمىيە: ئەمەلىيەتتە ساھابىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى كۆزى بىلەن كۆردى دېمىگەن. ئىمام ئەھمەدتىن بايان قېلىنغان ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدىمۇ بۇ قاراش ئاساس قىلىنغان، ئىبنى ئابباستىن بايان قىلىنغان ۋە ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان ھەدىسمۇ، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان يەنە بىر ھەدىستە «ئاللاھنىڭ ھىجابى نۇردۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى كۈچلاندۇرۇپ، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان «ئاللاھنىڭ ھىجابى نۇردۇر» دېگەن ھەدىستىكى «نۇر» سۆزىدىن «مەن نۇرنى كۆردۈم» دېگەن سۆز مەقسەت قىلىنغان بولىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر". [ئىسلام ئەسكەرلىرىنىڭ توپلىنىشى1-توم 12-بەت].

    شيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىنى قەلبى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىنى كۆرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەن بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ رەببىنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا قەلبى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئىبنى ئابباستىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ تېكىستلىرى بەزىدە قەيتسىز، بەزىدە قەلبى بىلەن كۆرگەن دېگەن سۆز قېتىپ بايان قېلىنغان. (يەنى بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنى كۆردى دىسە، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆردى دېگەن لەۋزى ئىلگىرى سۈرۈلگەن). ئىبنى ئابباستىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئوچۇق لەۋزى بىلەن بايان قېلىنغان ھەدىس ئىسپاتلانمىغان. شۇنىڭدەك ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايەتلىرىدىمۇ، ئىبنى ئابباسنىڭ سۆزىگە ئوخشاش قەيتسىز ۋە قەيتلىك سۆزلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھېچ بىر كىشى ئىمام ئەھمەتنىڭمۇ كۆزى بىلەن كۆردى دېگەن سۆزىنى كۈچلاندۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بەزى ئالىملار ئىبنى ئابباسنىڭ قەيتسىز (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنى كۆردى) سۆزىدىن، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنى كۆزى بىلەن كۆردى دەپ چۇشەنگىنىدەك، ئىمام ئەھمەتنىڭ بەزى شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ قەيتسىز كەلتۈرگەن لەۋزىدىن كۆزى بىلەن كۆردى دېگەن چۈشەنچىنى ئالغان. كۆزى بىلەن كۆردى دېگەننى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق شەرئى دەلىل يوق. شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ بىرەرسىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىس بايان قىلىنمىغان. شۇنداقلا قۇرئان-ھەدىسلەردىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بولماستىن بەلكى كۆز بىلەن كۆردى دېگەننى رەت قىلىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر بايان قېلىنغان".

    ئەبىي زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «مىراج كېچىسىدە ئاللاھ تائالانى كۆردىلىمۇ؟ دەپ سورىغانتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن پەقەت نۇرنى كۆردۈم، دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى261-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى.» ئەگەر كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسا ئەلۋەتتە بۇنى ئايەتتە كەلتۈرۈش بەك لايىق بولاتتى». [سۈرە ئىسرا 1-ئايەت]. ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانى كۆزى بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە بۇنى زىكىر قىلغان بولاتتى ئەلۋەتتە!.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَتُمَارُونَهُ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟» [سۈرە نەجىم 12-ئايەت].

    يەنە بىر ئايەتتە: ﴿لَقَدْ رَأَىٰ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِ الْكُبْرَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى». [سۈرە نەجىم 18-ئايەت]. ئەگەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسا ئىدى، بۇ مۇھىم ئىش ئەلۋەتتە زىكىر قىلىناتتى.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: «ھېچ بىر كىشى دۇنيادا ئاللاھنى كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنىدە مۆمىنلەر ئاللاھ تائالانى خۇددى ئاي-بىلەن كۈننى روشەن كۆرگەندەك كۆزى بىلەن ئوچۇق كۆرىدۇ دېگەن قاراشنى قۇرئان ۋە ھەدىس مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا سەلەپ ئۆلىمالىرىمۇ بۇ ھەقتە بىرلىككە كەلگەن. (بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقان بەزى كىشىلەر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى دۇنيادا كۆرگەن، بۇ كۆرۈش پەقەت ئۇنىڭغا خاس دەپ قارايدۇ). ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر. [پەتىۋالار توپلىمى 6-توم 509-510-بەتلەر].

    ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.