×
مېھمان ساھىبخاندىن دەستۇرخانغا كەلتۈرگەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    مۇسۇلماننىڭ بەزى سورۇنلاردا دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن گۆشنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىشنىڭ ھۆكمى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    حكم سؤال المسلم عن مصدر اللحم

    الذي وضعه على المائدة

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    مۇسۇلماننىڭ بەزى سورۇنلاردا دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن گۆشنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىشنىڭ ھۆكمى

    21661- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مېھمان ساھىبخاندىن دەستۇرخانغا كەلتۈرگەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

    بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى مېھمان قىلسا، دەستۇرخانغا ئەكەلگەن يېمەكتىن يىسۇن ئۇنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىمىسۇن، ئۇسسۇزلۇق ئەكەلسە ئىچسۇن، ئۇنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىمىسۇن» دەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد 8933- نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان. ئىمام ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 627- ھەدىستە بايان قىلغان].

    شەيخ ئەلبانىي مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان مۇسۇلمان كىشىنىڭ مال-مۈلكى ھالال دەپ قارىلىدۇ. ئەمما كاپىرلار ئارىسىدا ياشايدىغان كىشىلەر ۋە شۇنىڭدەك ھالال ياكى ھارام بىلەن ھېسابلاشمايدىغان شەكلىك كىشىلەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن گۆشلىرى بوغۇزلانغانمۇ ياكى باشقا شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنمۇ بۇنى سوراش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. [سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى627 -ھەدىس].

    ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.