×
ئولتۇراق ئاھالىسى كۆپ بولغان دۆلەت-رايونلاردا تۇغۇت چەكلەش تۇزۇمىنى يولغا قويۇش زۆرۈرمۇ؟ ئۇنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    تۇغۇت چەكلەش ۋە كىچىكتۇرۇپ بالا ئىلىش توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    تنظيم وتحديد النسل

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    تۇغۇت چەكلەش ۋە كېچىكتۇرۇپ بالا ئىلىش توغرىسىدا

    32479- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئولتۇراق ئاھالىسى كۆپ بولغان دۆلەت-رايونلاردا تۇغۇت چەكلەش تۇزۇمىنى يولغا قويۇش زۆرۈرمۇ؟ ئۇنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

    بىز تۆۋەندە ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇغۇت چەكلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىنى بايان قىلىمىز: مىلادىي 1988- يىلى 12- ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە (ھىجرىيە 1409-يىلى جۇمادىيەل ئاخىرنىڭ 1- كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە)، كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، مۇتەخەسسىس تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ تۇغۇت چەكلەش ۋە كىچىكتۇرۇپ بالا ئىلىش توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمى ماقالىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بۇ ھەقتە ئىلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسلام شەرىئىتىدە نىكاھلىنىشتىكى ئاساسى مەقسەت: "ئەۋلاد قالدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تۈرىنى ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت" دەپ قارالغان ئومۇمى قائىدىگە ئاساسەن، بۇ شەرئى مەقسەتنىڭ تەقەززاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇنى بىكار قىلىۋېتىش، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ نەسىلنى كۆپەيتىش، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان پرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلىرىگە قارشى كېلىدۇ. نەسىلنى مۇھاپىزەت قىلىش: ئىسلام شەرىئىتىدە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان بەش تۈرلۈك نەرسىنىڭ بىرىدۇر.

    ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارى تۆۋەندىكىدىلەردىن ئىبارەت:

    1- ئەر-ئاياللارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئەركىنلىكىگە چەك قويىدىغان ئومۇمى قانۇن ماقۇللاش توغرا بولمايدۇ.

    2- ئەر-ئاياللاردىكى ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۇرۇقچىلىرىنى تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش، يەنى شەرئى ھۆكۈمدە ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان سەۋەب ۋە ئۆزرە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەر-ئاياللارنى تۇغماس ھالىتىگە كەلتۈرۈش چەكلىنىدۇ.

    3- شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان ھاجەت، سەۋەب ۋە ئۆزرە تېپىلغاندا، ئەر-خوتۇن ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىلى تەرەپنىڭ رازىلىقى ئاستىدا، ھامىلدار بولۇش مۇددىتىنىڭ ئارىسىنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ياكى مەلۇم ۋاقىت ھامىلە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاسىتىلارنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان، شەرىئەت توغرا دەپ قارىغان ۋە ئەر-خوتۇننى تۇغماسلىققا ئىلىپ بارمايدىغان تەدبىرلەردىن بولۇشى شەرتى ئاستىدا، قوللانسا بولىدۇ.

    توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

    تۇغۇت چەكلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار: 39(1\5).