×
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە كىملەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ﴿جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر﴾

    [ئۇيغۇرچە]

    ﴿من هم العشرة المبشرون بالجنة﴾

    [باللغة الأويغورية]

    مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد

    تەرجىمە قىلغۇچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

    المترجم: منورة بنت نعمة الله

    تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى

    المراجعة: ن. تمكيني

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    1432 – 2011

    جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر

    5852- نومۇرلۇق سوئال

    سۇئال:

    جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە كىملەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر.

    جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى كىشىلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ بەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير جەننەتتە، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئدى جەننەتتە، سەئىيد جەننەتتە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ جەننەتتە.» [تىرمىزى رىۋايەت قىلغان 3680-ھەدىس].

    بەزى رىۋايەتلەردە سەئدىنىڭ ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە سەئيدنىڭ سەئىيد ئىبنى زەيد ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا بىر نەچچە ساھابىلەرمۇ جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن بولۇپ، ئۇلار خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام، ئەككاشە ئىبنى مۇھسىن (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ۋە باشقىلار.

    يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئۆن كىشىگە بىرلام بىشارەت بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن "جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى" دەپ ئاتالدى.

    ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.