×
ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس كەلگەنمۇ؟

 ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى

النهي عن ذكر محاسن إمرأة أخرى عند زوجها

مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇربانجان ئابدۇلكەرىم

المترجم: قربان جان عبد الكريم

 ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى

سۇئال :

ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس كەلگەنمۇ؟

جاۋاپ :

پۈتۈن ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد (ئۇ كىشىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ يالىڭاچ ھالىتىدە كۆرمەسلىكى،بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتماسلىقى، يولدىشىغا ئۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكى،  ئەگەر ئۇنداق قىلسا خۇددى ئېرى ئۇ ئايالغا قارىغاندەك گۇناھكار بولىدۇ». بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان 5240 - ھەدىس.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر، ئەلقابىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: "بۇ مەسىلىدىكى توسۇشنىڭ ھېكمىتى سۈپەتلەنگۇچى ئايالنىڭ ھۆسنى - جامالى ئەرنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قىلىپ، سۈپەتلەنگۇچى توغرىسىدا قالايمىقان خىياللاردا بولۇپ، سۈپەتلەپ بەرگۈچى ئايالىنىڭ تالىقىنى بېرىشكە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن". شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

پەتھۇلبارى 9- توم 338 -بەتتە مۇنداق بىر ھەدىس زىكىر قىلىنغان:« ھەرقانداق بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتمىسۇن» دېگەن .

بەدىنى تۇتۇش ئارقىلىق يەنە بىر ئايالنىڭ تېرىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئەگەر تىرە - تېرىگە سۈركەلسە بەدەننىڭ يۇمشاق ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئايال كىشى ئۈچۈن باشقا بىر ئايالنىڭ بەدىنىگە قارىشى دۇرۇستۇر، لېكىن ئەر كىشىنىڭ نامەھرەم ئايالغا قارىشى چەكلىنىدۇ.