دىنغا ئىتىقاد قىلىپ تۇرۇپ قوشنىلىرى ۋە ئەھلى ئاياللىرىغا يامان مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا
كاتوگورىيەلەر
مەنبە
Full Description
ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، كېچىلىرى ئىبادەت قىلىدۇ ئەمما خوشنىلىرىغا ۋە ئايالىغا يامانلىق قىلىدۇ
يصلي ويصوم ويقوم الليل ولكنه يسيئ لزوجته وجيرانه
[باللغة الأويغورية]
مۇپتى : مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپ
المترجم: محمد يوسف
سوئال:
بەش ناماز مەسجىدتە ئوقۇيدىغان، كېچىسى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان، پەرز روزىدىن باشقا ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى نەپلە روزا تۇتىدىغان، ھەر ئاينىڭ 13- 14- 15- كۈنلىرى سۈننەتكە ئەگىشىپ روزا تۇتىدىغان، لېكىن ئايالىغا ئەخلاقلىق بولماي ھەمىشە ئۇرۇشىدىغان، خوشنىلىرىغا ۋە يېقىنلىرىغا يامان مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم توغرۇلۇق نېمە دەيسىز؟
جاۋاب:
گۈزەل ئەخلاق پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ غايىلەرنى بىرىدۇر. ئاللا تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەق دىننى، ئادالەتلىك ھاياتلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. ئاللاھ زېمىن ئەھلىگە نەزەر تاشلاپ شېرىك، جاھالەت ۋە يامان ئەخلاق ئۈستىدە بولغانلارنى جازالىدى، پەقەت بىر تۈركۈم ئەھلى كىتاب بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىدىكى بۇ چوڭ غايىنى ئىپادىلەپ:« مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش
ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»دېگەن.( ئەھمەد رىۋايىتى 2/318، شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ باھالىغان ھەدىس) بۇ ھەدىستىكى: « پەقەت» دېگەن سۆز پۈتۈن ساماۋىي دىنلاردا كەلگەن ئەقىدە ۋە شەرىئەتلەردىن مەقسەت پەقەت شۇ گۈزەل ئەخلاقنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا غايىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
شۈبھىسىزكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مۇشكىلىسى ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ قويۇشتۇر. بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان. بۇ خۇددى ئادەت ياكى نەپسكە ۋە قەلبكە بولغان تەسىرى بىلەن ھېسابلاشمايلا قىلىنىدىغان ئىبادەت شەكلىگە ئايلىنىپ قالغان. ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەجدىن ئىبارەت چوڭ ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق غايىسى نەپسلەرنى پاكلاش، ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش بولسىمۇ، كۆپ كىشىلەر بۇنىڭ تەسىرىنى كۆرەلمىگەن. مەسىلەن: ناماز - ئاللاھ ناماز ھەققىدە « ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن گۇناھلاردىن توسىدۇ» دەيدۇ.(ئەنكەبۇت سۈرىسى 45- ئايەت)
ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر ئادەم « يارەسۇلەللاھ! پالانى ئايالنىڭ نامازنى كۆپ ئوقۇيدىغانلىقى، روزىنى كۆپ تۇتىدىغانلىقى ۋە سەدىقىنى كۆپ بېرىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئەمما خوشنىلىرىغا تىلى بىلەن ئازار بېرىدۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئۇ دۇزاخقا كىرىدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن يەنە ئۇ ئادەم « يارەسۇلەللاھ! پالانى ئايالنىڭ نامازنى ئاز ئوقۇيدىغانلىقى، روزىنى ئاز تۇتىدىغانلىقى ۋە سەدىقىنى
ئاز بېرىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. لېكىن خوشنىلىرىغا ئازار بەرمەيدۇ»دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ»دېگەن.(ئىمام ئەھمەد مۇسنەدى2/440، مۇنزىرى «ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب» ناملىق ئەسىرىنىڭ 3/331-بېتىدە سەھىھ دېگەن، ئەلبانىمۇ سەھىھ ھەدىسلار توپلىمىنىڭ 190- بېتىدە سەھىھ دېگەن).
روزىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى سەۋەبمۇ شۇدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنىڭ روىنىڭ مېۋىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ مېۋىنى ھاسىل قىلالمىغان ئادەم روزىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پايدىسىزدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« روزا تۇتۇپ يالغان سۆزنى ۋە يالغان بىلەن ئىش قىلىشنى تاشلىمىغان كىشىنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويۇپ، ئۇسسۇزلىق تارتقىنىغا ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوق»دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارى رىۋايىتى 1903).
زاكاتمۇ نەپسنى بېخىللىقنىڭ كىرلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن بۇيرۇلغان. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن زاكات ھېسابىدا بىر قىسمىنى ئالغىن»( تەۋبە سۈرىسى 103- ئايەت).
بەشىنچى پەرز ھەجمۇ شۇ مەقسەت بىلەن بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ھەج مەلۇم ئايلاردۇر. بۇ ئايلاردا ھەج قىلغان ئادەم ئۈچۈن جىنسىي ئالاقە قىلىش، گۇناھ ئىشلەش، جېدەل قىلىش يوق» ( بەقەرە سۈرىسى 197- ئايەت).
قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى يۇقىرى ئورنىنى سۆزلەشكە داۋام قىلسا سۆزىمىز ئۇزاپ كېتىدۇ. ئىبنى
قەييىم « مەدارىج ئەسسالىكىين» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2- توم 307- بېتىدە « دىننىڭ ھەممىسى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئەخلاقتا سىزدىن ئېشىپ كەتكەن كىشى دىندىمۇ ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ»دەپ مەخسۇس بىر باپتا توختالغان.
قىسقىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسلىرىدىن ۋە غايىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش بىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. بۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكى ئۈچۈن ئوپئوچۇق دەلىلدۇر. ئاللاھقا ئىشەنگەن ھەر بىر مۇسۇلمان بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئايالىغا ۋە خوشنلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بۇ كىشىدىن ئىبرەت ئېلىشىڭلار لازىم. ئاللاھ ئۇنىڭ قىلغانلىرىدىن رازى ئەمەستۇر. بەلكى ئۇنىڭغا غەزەب قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ پايدىسى قېنى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى؟
ئۇنىڭغا ياخشى نەسىھەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئىبادەتكە ھېرىسلىقى نەق ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇغىدۇر. ئىمام ئەھمەد«مۇسنەد» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2- توم 447- بېتىدە، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، پالانى كېچىسى ناماز ئوقۇيدۇ. كۈندۈزى ئوغۇرلۇق قىلىدۇ، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئۇنى ئوغۇرلۇقتىن توسىدۇ»دېگەن. (ھەيسەمىي بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلارنىڭ راستچىللىقىنمى ئېيتقان. شۇئەيب ۋە باشقىلار سەنەدىنىڭ دۇرۇسلىقىنى سۆزلىگەن.