×
مۇسۇلمان ئادەمنىڭ "بەزى كۇففارلار بەزى مۇسۇلمانلاردىن ئەخلاقلىقتۇر" دېيىشى توغرىمۇ؟ دىگەن سوئالغا تەپسىلى جاۋاپ.

 كۇففارلارنىڭ ئەخلاقى مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن ئەۋزەل دېگەن سۆز ھەققىدە

حكم القول بان أخلاق الكفّار أفضل من أخلاق المسلمين

  مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد مۇپتى:

المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپ

المترجم: محمد يوسف

سوئال:

مۇسۇلمان ئادەمنىڭ "بەزى كۇففارلار بەزى مۇسۇلمانلاردىن ئەخلاقلىقتۇر" دېيىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب:

ئەگەر  قانداقلا بىر مۇسۇلمان ئادەم مۇتلەق قىلىپ” كۇففارلارنىڭ ئەخلاقى مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن ياخشىدۇر“ دېيىشنىڭ ئۆزى شەكسىز ھارامدۇر. مۇنداق دېگەن ئادەم ھامان تەۋبە قىلىشى لازىم. چۈنكى ئەخلاقنىڭ بېشى ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىكرەكى ئاللاھقا قارىتا ئەدەب - ئەخلاقلىق بولۇش، ئاللاھنى قويۇپ، مەخلۇقاتقا چوقۇنۇشتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ كۇففارلاردا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلاردا ئەمەلگە ئاشقان مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆز پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئومۇملاشتۇرۇلغان. بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام ئەخلاقى ۋە ئاللاھ شەرىئىتى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغانلار ئەلۋەتتە بار.

كۇففارلارنىڭ بەزى ئەخلاقىنى بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىدىن ئەۋزەل كۆرۈش خاتادۇر. چۈنكى كۇففارلارنىڭ ئاللاھ  ۋەئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئەخلاقسىزلىقلىرى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئەخلاقتا تۆۋەنلىكىگە يېتەرلىك دەلىلدۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانى سۆكتى،ئۇنىڭ بالىسى باردەپ دەۋا قىلدى، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئازارلىدى. ئۇلارئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە

قارشى شۇنداق قىلغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان ئەخلاقى نېمىگە ئەسقاتسۇن؟ يەنە كېلىپ ئون ياكى يۈز نەپەر كۇففارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن كۇففارلارنى ئەخلاقلىق دەپ ھۆكۈم قىلىشىمىز يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلاردىن بولغان كۆپلىگەن كۇففارلارنىڭ ئەدەبسىزلىكىنى، ئەخلاقسىزلىقىنى ۋە ھىيلە - مىكىرلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزدۇر. ئۇلار قانچە قېتىم مۇسۇلمانلارنى ئالدىدى، قانچىلىغان دىيارلىرىنى نابۇت قىلدى، قانچىلىغان كىشىلەرنى دىنىدىن قايتۇردى، قانچىلىغان بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلدى، قانچىلىغان قېتىم مۇسۇلمانلارغا تۇزاق كولىدى.

ئۇلاردىن ئازسانلىقلارنىڭ ئەخلاقلىق  بولغىنى كۆپ سانلىقىدىكى قاباھەت ئالدىدا ھېچ نەرسە سانالمايدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، ئۇلارنىڭ ئەخلاقلىق بولغان ئاز سانلىقىمۇ  كۆپىنچە بۇ ئەخلاقى بىلەن ئۆز مەنپەئەتلىرىنى، دۇنيالىق پايدىلىرىنى، مەقسەتلىرىگە ئېرىشىشنى كۆزلەيدۇ.

بىراۋ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق مۇپتىسى ئىبنى بازدىن  مۇسۇلمان ئەمەس ئىشچىلار بىلەن مۇسۇلمان ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىپ:"مۇسۇلمان ئەمەس ئىشچىلار ئىشەنچلىك ئادەملەردۇر. ئۇلارغا ئىشەنچ قىلالايمەن. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى ئاز، ئىشلىرى غەلىبىلىكتۇر. ئەمما مۇسۇلمان ئىشچىلار  تامامەن ئۇلارنىڭ ئەكسىچەدۇر. بۇنىڭغا نېمە دەيلا؟" دەپ سورىغاندا، شەيخ باز مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن:« ئۇنداقلار چىن مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس. ئۇلار  يالغاندىن ئىسلام دەۋاسى قىلغۇچىلاردۇر. ئەمما ھەقىقىي مۇسۇلمانلار  كۇففارلاردىن راستچىل، ئىشەنچلىك ۋە ئىشىنىشكە  تولىمۇ ھەقلىق كىشىلەردۇر. سىزنىڭ " مۇسۇلمان ئەمەس ئىشچىلار مۇسۇلمان ئىشچىلاردىن ئىشەنچلىكتۇر" دېگەن ھۆكۈمىڭىز توغرا ئەمەس. بۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ. كۇففارلار سىزنىڭ ئالدىڭىزدا راستچىل بولۇپ، ئامانەتنى ئادا قىلىشتا سىلەردىن كۆپرەك پايدا كۆرۈشنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى كۆپرەك يېيىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئۆز پايدىسى

   ئۈچۈندۇر. ئۇلار بۇ مۇئامىلىنى سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىدۇ. بۇ سىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈندۇر.

سىلەر مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئىشەنچلىك، پاك ئىشچىلارنى ئىشلىتىشىڭلار لازىم.