مەن بۇ يىل مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، بەزى كىشىلەر 10-كۈنى بىلەن 9-كۈنىدە روزا تۇتۇشنى سۈننەت دەيدۇ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بارمۇ؟.
مەن شەرئى بىلىملاردىن تولۇق تەلىم ئالماستىن بەلكى تەۋھىد ئىلمىگە ئالاقىدارلىق بولغان؛ ئاللاھنىڭ ئىبادەتتە ھېچ شېرىكى يوقلىقى، پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانىلىكى، گۈزەل ئىسىم ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىدە تەڭداشسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ياخشى ئۆگەندىم. ئۇنىڭدىن سىرت شەيخ ھاپىز ئەلھەكەمىينىڭ: «مەئارىجىل قەبۇل» ناملىق ئەسىرىدىكى تەۋھىدكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆگەندىم. ئاندىن كىيىن ئۇستازىمىز بىزگە ھەدىس ئاتالغۇلىرىغا مۇناسىۋەتلىك....
قىز-خانىملار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى - (ئۇيغۇرچە)
ئەرلەرنىڭ يات قىز-خانىملار بىلەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ھالەتلەردە، يەنى ئائىلە ئەھۋالى، سودا-سېتىق ئىشلىرى، توي قىلىدىغان قىزلار بىلەن تونۇشۇشى ئۈچۈن بەزى سوئاللارنى سورىشى ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا، ئەھۋال سوراپ پاراڭلىشىشى دۇرۇس بولىدۇ دېگەنگە ئالاقىدار ھۆكۈمنى ئاڭلىدىم، بۇ ساغلام كۆز قاراشمۇ؟ ئەگەر مەزكۇر ھۆكۈم توغرا بولسا ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟.
بىر كىشى قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى زىيادە بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، قۇرئان كەرىم ئىسلام شەرىئىتىدە يولغا قويغان تەلىم-تەربىيە يوللىرى ئارقىلىق، زىرەكلىكنى ھاسىل قىلىشىم قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەددۇئا قىلىشى، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا سەۋەبسىزلا شۇنداق دۇئالارنى قىلىشى توغرا بولامدۇ؟، ئۇ دۇئالار ئىجابەت بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى قوللىنىش جائىزمۇ؟دىگەن سۇئالغا تەپسىلى جاۋاپ.
مۇسۇلمانلارنىڭ پەلەستىندە تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئىسرائىل دۆلىتى ئەمەس، پەلەستىن دۆلىتى بارلىقى سۆزلىنىدۇ، يەھۇدىلار بىلەن ئەرەبلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن تىنچ ياشىيالمايدۇ؟ پەلەستىندىكى مىللى زىددىيەت نېمە ئۈچۈن تۇگىمەيدۇ؟
زەمزەم سۇيىنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)
زەمزەم سۇيىنىڭ باشقا سۇلاردىن نېمە پەرقى ۋە قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار زەمزەم سۈيىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
مەن 17 يىلدىن بىرى تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، داۋالىنىپ تۇرساممۇ روھى-ھالىتىم بىر خىل ئەمەس، بەزى ۋاقىتتا كېسىلىم قاتتىق تۇتىدۇ، ئەمما كېسەلنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى ۋە تەرتىپى يوق، كېسەل تۇتقان بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا كىچىك تەرەت قىلىپ قويىمەن. مۇشۇنداق ھالەتتە ماڭا ھەج قىلىش پەرز بولامدۇ؟ ياكى ۋاكالىتەن باشقا بىر كىشىنى ئەۋەتىپ بەدەل ھەج....
ئازغۇن قۇرئانچىلار گۇرۇھى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
جەمئىيىتىمىزدە ئۆزلىرىنى« قۇرئانچىلار» دەپ ئاتايدىغان بىر گۇرۇھ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىز قۇرئاندىن باشقا ھېچنەرسىگە ئەگەشمەيمىز دېگەن قاراشتا، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئالىملىرى قانداق قارايدۇ؟
سىڭلىمنىڭ يولدىشى زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان، بۇنىڭدىن چەكلىنىشنى ئىرادە قىلسىمۇ خۇمار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن قول ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشى، سىڭلىمنىڭ ئۈچ بالىسى بار، قانداق قىلغاندا يولدىشىنى بۇ قىلمىشتىن تەزدۈرەلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتكە بېرىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.
ئەسلىدە ئىبادەتتە ئاغزاكى نىيەت قىلىش بىدئەت، ئەمما ھەج-ئۆمرىدە ئاغزاكى نىيەت قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.